باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران يېڭى نېفىتلىكنى بايقىغانلىقىنى جاكارلىدى

2013.02.25 14:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:ئىران ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەشكىلاتى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئىران شىمالدىكى ۋە جەنۇبتىكى دېڭىز بويى رايونىدا يېڭىدىن ئۇران كانلىقىنى بايقىدى ھەمدە يېڭىدىن 16 يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇشنى پىلانلىدى.

  ئىران ئاتۇق ئېنېرگىيىسى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتتا: يېڭىدىن بايقالغان ئۇران كېنى ئىراننىڭ ئۇران زاپاس مىقدارىنى بۇرۇنقى 1527 توننىدىن 4400 توننىغا يەتكۈزىدۇ، يادرو ئېنېرگىيىسىنىڭ ئىراننىڭ تەرەققىياتىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ دېيىلدى، لېكىن ئۇران كېنىنىڭ كونكرېت ئورنى ھەققىدە ئىزاھات بېرىلمىدى.

  ئىران بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە دۆلەت 26-فېۋرال قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە سۆھبەتلىشىدۇ، بۇ يىل ئىران بىلەن خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنى ئېلىپ بارغان ئىككى قېتىمقى سۆھبەتتە ھېچقانداق ئىلگىرلەش بولمىغان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە