باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخىرقى بىر قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى ئاچتى

2013.02.22 17:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت 20- فېۋرال جۇڭنەنخەيدە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى ئاچتى، ۋىن جياباۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىن بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئاچقان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 234- قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنى. 2008-يىلى 19-مارتتىن بۇيان، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىگە تاقابىل تۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشىلاش، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى 611 قارالما تەتقىق قىلىندى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىگە تاقابىل تۇرۇش بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ بەش يىللىق خىزمىتىگە سىڭدۈرۈلگەن ئاساسىي لىنىيە. بەش يىلغا نەزەر سالىدىغان بولساق كىرزىس پارتلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە جۇڭگو يېرىم يىل سەرپ قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تىز سۈرئەتتە تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش ياسىدى. بەش يىلدىن بۇيان جۇڭگو ئىقتىسادى %9 دىن يۇقىرى ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلىدى. ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 26 تىرىليون يۈەندىن تەخمىنەن 52 تىرىليون يۈەنگە ئېشىپ، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ يادروسى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا تەتقىق قىلىنغان قارالمىلارنىڭ 100 دىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۇرالغۇ ئۆي، داۋالاش، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، مەركەز مالىيەسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا سالغان مەبلىغى تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسىمنى ئىگىلەپ، يىلمۇ يىل ئاشتى.

1. شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈم جەھەتتىن ئومۇمىيلىشىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۈتۈنۈش كاپالەت تورىنى شەكىللەندۈردى. ھازىر يۈز مىليوندىن كۆپرەك شەھەر يېزا ئاھالىسى كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدۇ.

2. شەھەر يېزا ئاھالىلىرى ئارىسىدا ئومۇمىيلاشقان ئاساسىي داۋالاش كاپالەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار1 مىليارد 300 مىليونغا يەتتى.

3.كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشى كۆلىمى كېڭىيىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا تۆۋەن كېرىملىك ئامما، يېتىم بالىلار قاتارلىقلارغا تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىش مەسىلىلىرى مەخسۇس تەتقىق قىلىنىپ، مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. كارخانىلاردىن پىنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سەۋىيەسى ئۇدا توققۇز يىل ئۆستى.

يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش باشتىن ئاخىر ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئىشى بولدى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى كۆپ قېتىم تەتقىق قىلدى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، مەركەز مالىيەسى يېزا ئىگىلىكى ، يېزا ، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە 4 تىرىليون 470 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %23 ئۆستۈردى. ئاشلىق ئۇدا توققۇز يىل ئاشتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئۇدا توققۇز يىل تىز كۆپەيدى.

ئۇندىن باشقا، نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتى ئىجابىي ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئالايلۇق، 2009-يىلى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئىسلاھاتى ئۆزگەرتىش باج تاپشۇرغۇچى كارخانىلارنىڭ 120 تىرىليون يۈەندىن كۆپرەك بېجىنى يېنىكلەتتى. بەش يىلدىن بۇيان بايلىق بېجى ئىسلاھاتى كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەل ئارىسى مەبلىغى، كىرىم تەقسىمات تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ راسخوتىنى ئاشكارىلاش، مەمۇرىي تەستىقلاشنى ئازايتىش قاتارلىقلار پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئۇندىن باشقا، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مائارىپ پەن تېخنىكا قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتى، ئېنېرگىيە تىجەش، بۇلغىما ئازايتىش، مۇھىت ئاسراش، تەبىئىي ئاپەت ۋە ئۇشتۇمتۇت ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش، مەمۇرىي قانۇن- نىزام لايىھەسىگە قاراپ چىقىلدى ھەمدە قانۇن لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتى ئىسلاھات تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە