20-فېۋرال، ئامىرىكىنىڭ سان-فىرانسىسكو شەھىرىدىكى ئاسىيا سەنئەت مۇزىيىدا مۇخبىر تاراتقۇلارغا ئېچىۋېتىلگەن لەشكەر-ئات ھەيكەللىرى ئالدىن كۆرگەزمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. «جۇڭگونىڭ لەشكەر-ئات ھەيكەللىرى: چىن شىخۇاڭ دەۋرىدىن قالغان بىباھا گۆھەر» ئالاھىدە كۆرگەزمىسى 22-فېۋرالدىن 27-مايغىچە سان-فىرانسىسكونىڭ ئاسىيا سەنئەت مۇزىيىدا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈلۈپ، ئامىرىكا خەلقىگە جۇڭگونىڭ بۇندىن 2000 يىل ئىلگىرىكى شانلىق تارىخى ۋە مەدەنىيىتى نامايەن قىلىنىدۇ.
كۆرگەزمىگە 10 چوڭ لەشكەر-ئات ھەيكىلىدىن باشقا، يەنە برونزا ھەربىي قوراللار، برونزا قۇش ھەيكىلى ۋە ئالتۇندىن ياسالغان ھايۋانات ھەيكىلى قاتارلىق 110 نەچچە پارچە (يۈرۈش) قىممەتلىك ھەمدەپنە بۇيۇملىرى قويۇلىدىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (ليۇ يىلىن فوتوسى)