باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«دۆلەت بېجى بىلەن يەرلىك باجنى بىرلەشتۈرۈش» ۋاقىت جەدۋىلى ئېنىق ئەمەس

سىستېما ئىچكى قىسمىدا پىكىر ئىختىلاپى مەۋجۇت

2013.02.22 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، يېقىندا يەرلىك باج ۋە دۆلەت بېجى خادىملىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش-بىرلەشتۈرۈش خىزمىتى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دىن كېيىن باشلىنىدىكەن، دېگەن گەپ ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ، يەرلىك باج بىلەن دۆلەت بېجىنى بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تېما يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  بۇ ھەقتە، خەلق تورى مالىيە-ئىقتىساد سەھىپىسىنىڭ مۇخبىرى كۆپ تەرەپلىمە ئەھۋال ئىگىلىدى. دۆلەت بېجى ۋە يەرلىك باج خادىملىرى بۇ ھەقتە ئوخشاش بولمىغان پىكرىنى بىلدۈردى. ئاساسىي قاتلام يەرلىك باج خادىملىرى بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوقلىقىنى، ئەمما يەرلىك باج تارمىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېيتتى؛ دۆلەت بېجى تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى دۆلەت بېجى بىلەن يەرلىك باجنى بىرلەشتۈرۈش ئىھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ، لېكىن بۇ يىل ئىچىدە ئۆزگىرىش بولماسلىقى مۇمكىن، دەپ قارىدى. (مۇخبىرىمىز جاڭ فېيرەن خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە