باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سېستىما ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن يىلىغا 8 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەيدۇ

2013.02.25 14:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:تۈركىيەدىكى «كۈندىلىك خەۋەرلەر» تور بېكىتىنىڭ تۆنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرى يىلماز تۈركىيە ھەر يىلى چېگرا تەۋەسىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سېستىما ئۈچۈن تەخمىنەن 8 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەيدۇ، دېدى.

  2012-يىلى 4-دېكابىر شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ تەلىپى رەسمىي تەستىقلىنىپ، تۈركىيە بىلەن سۈرىيە چېگرىلىنىدىغان رايونغا «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرىلىدىغان بومبىغا قارشى سېستىما ئورۇنلاشتۇرۇپ، سۈرىيەدىن كېلىش ئىھتىمالى بولغان باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپئەلىنىش قارار قىلىنغان ئىدى.

  گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە ئامېرىكا تۈركىيەنى ئىككى «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سېستىما بىلەن تەمىنلىدى. 16-فېۋرال، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالتە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سېستمىنى تۈركىيەدە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغانلىقىنى،ئۇرۇش قىلىش دىجۇرنىلىق ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە