باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋىس قەسەم بېرىپ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى توختاتتى

2013.02.25 14:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:ۋېنىسۇئېللا مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى كاۋىرو 22-دېكابىر مۇنداق دېدى: ۋېنسۇئېللا ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، پىرېزىدېنت چاۋىس كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 1-ئاينىڭ 10-كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالمىسا، ئالىي سوت مەھكىمىسى قاچان قايسى ۋاقىتتا قەسەم بېرىشنى قارار قىلىدۇ، ۋېنسۇئېللا چاۋىسنىڭ شۇ كۈنى ۋاقتىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالالمايدىغانلىقى تۈپەيلىدىن قايتىدىن چوڭ سايلام ئۆتكۈزمەيدۇ.

  ئاساسىي قانۇننىڭ 231-ماددىسىغا ئاساسەن، ئەگەر پىرېزىدېنت ئۇشتۇمتۇت سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 1-ئاينىڭ 10-كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۋالالمىسا، ئالىي سوت مەھكىمىسىدە قەسەم بېرىدۇ، بىراق قايسى ۋاقىتتا قايسى جايدا قەسەم بېرىش ئاساسىي قانۇندا ئالاھىدە بەلگىلەنمىگەنلىكتىن، بۇنى ئالىي سوت مەھكىمىسى بەلگىلەيدۇ.

  كاۋىرو مۇنداق دېدى: چاۋىس يەنىلا ۋېنسۇئېللانىڭ پىرېزىدېنتى، چاۋىس بارلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ساقلىنىدۇ. كاۋىرو 19-دېكابىر چاۋىسنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن قەسەم بېرىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ دېگەن، ھەمدە بۇنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ شەخسىي قارىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. كاۋىرونىڭ سۆزى ئارقىدىنلا ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

   ۋېنېسئۇئېلا چاۋىسنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى

  چاۋىس دۆلىتىگە قايتىپ كەلدى

  چاۋىسنىڭ نەپەس ئېلىشى يەنىلا قىيىن بولماقتا

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە