باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ش ئا ئە ت 2014-يىلىدىن كېيىن داۋاملىق ئافغانىستاندا ئەسكەر تۇرغۇزىدۇ

2013.02.25 14:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئەمەلدارى 22-فېۋرال مۇنداق دېگەن: تالىبانغا قارىتىلغان كۈرەش 2014-يىلى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، كابۇل قىسمىنى مەشىقلەندۈرۈش ۋە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستاندا 12 مىڭ ئەسكەرنى داۋاملىق قالدۇرۇشى مۇمكىن.

  بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى لىتىر مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى سەككىز مىڭدىن 12 مىڭغىچە ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، بۇ ئامېرىكىلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن ئاخىرقى قارار چىقىلمىدى.

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى پانىتتا يېقىندا مۇنداق دېدى: يېتىپ ئالدىدا تۇرغان ئافغانىستان ئۇرۇش پەسلىدە كۆپ قىسىم ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاندا قېپ قالىدۇ، كېلەر يىلى فېۋرالغىچە 32 مىڭ ئادەم ئازايتىلىدۇ، سايلام جەريانىدا بۇ كۆلەم ساقلاپ قىلىنىدۇ. قالغان قىسىمنىڭ ھەممىسى چېكىندۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە