باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان زۇڭتۇڭى ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئۆلكىلەردىن چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى

2013.02.25 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئادەملەرنىڭ يوقاپ كېتىشى ۋە ئېغىر جازالىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن، ئافغانىستان زۇڭلىسى كارزايى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئالاھىدە قىسىمىدىن كەلگۈسى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ۋارداك ئۆلكىسىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدى.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قارارنى كارزايىنىڭ باياناتچىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلان قىلغان. بۇ باياناتچى مۇنداق دېگەن: زۇڭتۇڭنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىنى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئالاھىدە قىسىمىنىڭ ئۆز قىلمىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئامېرىكا باياناتچىسى بۇنىڭغا قارىتا جاۋاپ قايتۇرۇپ، بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئەيىپلەشلەرنى ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ ئەڭ يېڭى ئەھۋالغا كونكرېت باھا بېرىشكە ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە