باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت نىڭ باش كاتىپى پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە جىنسىي باراۋەرلىكنىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2019.02.13 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس 11- فېۋرال ھەر قايسى دۆلەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىردەك ھەرىكەت قوللىنىپ، ئاياللار ۋە قىز بالىلارنىڭ ئىلىم-پەن، تېخنىكا، قۇرۇلۇش ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق ساھەلەرگە قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرىقى ساھەلەردە قىز-ئوغۇللار پۇرسىتى تەكشى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا، ھەر يىلقى 11- فېۋرال «ئاياللار ۋە قىز بالىلارنىڭ ئىلىم-پەنگە قاتنىشىش خەلقئارا كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ يىلقى تېما بولسا،"ئاياللار ۋە قىز بالىلارنىڭ ئىلىم-پەنگە قاتنىشىشىغا مەبلەغ سېلىپ، سىغدۇرۇشچان يېشىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش"تىن ئىبارەت بولدى. گۇتېررېس بۇ بىر خەلقئارا كۈنىدە ئېلان قىلغان تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: پەن، تېخنىكا، قۇرۇلۇش ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ماھارەتلەر ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن، نۆۋەتتە ئاياللار ۋە قىز بالىلارنىڭ بۇ ساھەلەردىكى قاتنىشىش دەرىجىسى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولماقتا. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: جىنسىي كەمسىتىش، ئۈلگە كەمچىل بولۇش، سىياسەت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ دوستانە بولماسلىقى ئاياللار ۋە قىز بالىلارنىڭ بۇ خىلدىكى كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر