باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشنى جۇڭگو تەرەپ ئەزەلدىن باشقىلارغا تاڭمىدى، دېدى

2019.02.13 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 12-دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش جەريانىدا، جۇڭگو تەرەپ ئەزەلدىن باشقىلارغا تاڭمىدى ھەم ئەزەلدىن ھېچقانداق ئاتالمىش «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان شەرت»لەرنى قويمىدى، ھەر بىر تۈرنىڭ ھەممىسى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن باراۋەر كېڭىشىشىنىڭ نەتىجىسى.

  شۇ كۈندىكى ئادەتتىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تەتقىقات دوكلاتىدا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئىشلەتكەن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان شەرتلىرى ئېغىر ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلمەكتە، دېيىلدى، دېدى. بۇنىڭغا قارىتا، خۇا چۇنيىڭ سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ھىندىستان تەرەپنىڭ دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قانچە تۈرنىڭ ئەھۋالى پاكىتقا ئېغىر دەرىجىدە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. مەسىلەن، پاكىستان دىيامىر-پاشا توسمىسى تۈرى جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تۈرى تىزىملىكى قاتارىغا كىرگۈزۈلمىدى. نېپال غەربىي سەتى سۇ ئېلېكتىر تۈرى بىر سودا تۈرى بولۇپ، ئالاقىدار كارخانىلار ئىقتىسادىي مۇمكىنچىلىك قاتارلىق كونكرېت تەپسىلاتلارنى چۆرىدەپ كېڭەشمەكتە. جۇڭگو قولتۇق شىركىتىنى بېنگال ھۆكۈمىتىنىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋېتىش ئىشىغا كەلسەك، ئىگىلىنىشىچە، بۇمۇ پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەس.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، ئاللىقاچان 150 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى، زور بىر تۈركۈم ھەمكارلىق تۈرلىرى ئەمەلىيلىشىپ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. «بىر بەلباغ، بىر يول» كەڭ قارشى ئېلىنىدىغان خەلقئارا جامائەت مەھسۇلاتىغا ئايلىنىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم سۇپىسىغا ئايلاندى. ئورتاق مەسلىھەتلىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش − «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئالتۇن قائىدىسى. جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش جەريانىدا، باشتىن- ئاخىر باراۋەر، ئېچىۋېتىلگەن، ئېنىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بازار قانۇنىيىتى ۋە خەلقئارا قائىدە بويىچە ئىش قىلىپ كەلدى.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل، جۇڭگو 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش مۇساپىسىنى بىرلىكتە يەكۈنلەپ، كەلگۈسى ھەمكارلىق پىلانىنى پىلانلاپ، شۇ ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر