باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت سەۋەنلىكى ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر دەرىجىگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، دېدى

2019.02.13 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەپتىش ئورگانلىرى كەلگۈسى بەش يىلدا جىنايەت سەۋەنلىكى ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان ئاخىرقى چېكىدە ئالدىنى ئېلىش، ئائىلە تەربىيەسى، دەرىجىگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش ۋە قوغداپ چارە كۆرۈش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام، بىخەتەر ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا تۈزۈپ تارقاتقان «2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان تەپتىش ئىسلاھاتى خىزمىتى يىرىك پىلانى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىسلاھات پىلانى» دېيىلىدۇ)دا ئالتە جەھەتتىكى 46 تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسى بېكىتىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە يىلدىكى تەپتىش ئىسلاھاتى سىستېمىلىق پىلانلاندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  «ئىسلاھات پىلانى»غا ئاساسەن، تەپتىش ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان تەپتىش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، «پىروكۇرورلار ئىشتاتىنى ھەرىكەتلىك باشقۇرۇش ۋە چېكىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش»، «باش تەپتىش سوت ھەيئىتىگە سىرتتىن قاتنىشىشنى قەرەللىك مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش» قاتارلىقلارمۇ «ئىسلاھات پىلانى»غا كىرگۈزۈلدى.

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۇچۇر ئامبىرى بەرپا قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايەتلىرىنى ئىدارە قىلىش دۇنياۋى قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ گۇناھلىق قىلمىشلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش شۇنداقلا بۇ قىيىن مەسىلىنىڭ قىزىق نۇقتا مەسىلىسىدۇر.

  بۇ قېتىمقى «ئىسلاھات پىلانى»نىڭ 15-ماددىسىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كەلگۈسى بەش يىلدا، تەپتىش ئورگانلىرى جىنايەتكە چېتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلەش- تەسىرلەندۈرۈش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جىنايى سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان ئاخىرقى چېكىدە ئالدىنى ئېلىش، ئائىلە تەربىيەسى، دەرىجىگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش ۋە قوغداپ چارە كۆرۈش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا قارىتا «بىر جايدا» گەپ سوراش، قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۇچۇر ئامبىرى ۋە خىزمەتكە كىرىشنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر