باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پاكىز كۆمۈر ئىشلىتىپ توك بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى

كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىپ توك چىقىرىشتىكى بۇلغىما قويۇپ بېرىش نىسبىتى بەش يىلدا %80تىن ئارتۇق ئازايدى (گۈزەل جۇڭگو)

2019.02.13 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى 3-پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىمىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىدىن 700 مىليون كىلوۋاتتىن ئارتۇق تاماملانغان بولۇپ، ئومۇمىي مىقدارى 580 مىليون كىلوۋاتلىق ئۆزگەرتىش نىشانىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان، بۇنىڭغا يېڭىدىن قۇرۇلغان پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىمىلىق كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى قوشقاندا، ئېلىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن بۇلغىما چەك قىممىتىگە يەتكەن كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى 750 مىليون كىلوۋاتتىن ئارتۇق بولۇپ، بارلىق كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ %75ىدىن ئاشقان؛ ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگىنى جەمئىي 650 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، بارلىق كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ %65ىدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە ئۆزگەرتىلگىنى 350 مىليون كىلوۋات بولۇپ، «13-بەش يىللىق پىلان»دىكى 340 مىليون كىلوۋاتلىق ئۆزگەرتىش نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان.

  دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى: «كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىپ توك چىقىرىشتىكى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش ۋە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ئومۇمىي نىشان ۋەزىپىسى مۇددەتتىن ئىككى يىل بۇرۇن تاماملاندى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پاكىز كۆمۈرنى ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرۇپ توك بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ»، دېدى.

  كۆمۈرنى ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرۇپ توك چىقىرىشتىكى بۇلغىما قويۇپ بېرىش سىجىللىقى تۆۋەنلىتىلىپ، قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى كۈچلۈك تىزگىنلەندى.

  2014-يىلىدىن ھازىرغىچە، ئېلىمىزدە كۆپلىگەن خىزمەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىپ توك چىقىرىشتىكى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىمىلىق ۋە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىپ توك چىقىرىش كەسىپى پاكىز، ئۈنۈملۈك بولۇشتەك « دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخا»غا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.

  __ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئازىيىپ، كۆمۈر سەرپىياتى تۆۋەنلىدى. دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2012- يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى 749 مىليون كىلوۋاتتىن كۆپىيىپ، 980 مىليون كىلوۋاتقا يەتتى، ئېشىش نىسبىتى %30كە يەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىكى گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، ئازوت ئوكسىد، ئىس-تۈتەك قويۇپ بېرىش مىقدارى 8 مىليون 590 مىڭ توننا، 10 مىليون 860 مىڭ توننا، 1 مىليون 780 مىڭ توننىدىن تۆۋەنلەپ، 1 مىليون 200 مىڭ توننا، 1 مىليون 140 مىڭ توننا، 260 مىڭ توننىغا چۈشتى، تۆۋەنلەش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %86، %89 ۋە %85كە يەتتى. ئوت ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ توك چىقىرىشتىكى ئۆلچەملىك كۆمۈر سەرپىياتى 325 گىرام\ھەر كىلوۋات سائەتتىن 312 گىرام\ھەر كىلوۋات سائەتكە چۈشتى. بۇنىڭغا ئاساسەن ھېسابلىغاندا، 2017-يىلى تەخمىنەن 83 مىليون توننا ئەسلىي كۆمۈر تىجەپ قېلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر