باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تورىنىڭ 2019- يىللىق ئىككى يىغىننىڭ قىزىق نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

10 چوڭ قىزىق نۇقتىغا ئائىت سۆزلەر سىزنىڭ تاللىشىڭىزنى كۈتمەكتە

2019.02.13 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈندىن ئېتىبارەن،خەلق تورىنىڭ2019- يىللىق ئىككى يىغىننىڭ قىزىق نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈش تېرمىنالى ۋە كۆچمە تېرمىنالى ماس قەدەم بىلەن تورغا چىقىرىلىدۇ. بۇنىڭدا،ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق 18 مەسىلىنى توردا تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ. خەلق تورىنىڭ بۇ يىلقى ئىككى يىغىن تەكشۈرۈشى "بۈگۈنكى مۇھىم ماۋزۇ" تورى بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

  ھازىردىن باشلاپ، تورداشلار كومپيۇتېر تېرمىنالى ۋە كۆچمە تېرمىنالى تەكشۈرۈش بىتىگە چىقىپ، ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان سۆزلەرنى تاللىسا بولىدۇ، ئاندىن تارماق تەكشۈرۈش بەتلىرىگە كىرىپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە كونكرېت جاۋاب بەرسە بولىدۇ، ھەمدە بۇ يىلقى ئىككى يىغىنغا بولغان ئارزۇسىنى يېزىپ قالدۇرۇشقىمۇ بولىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، خەلق تورىنىڭ قانۇنىي ئىگىسىنىڭ مىكرو بىلوگى ئارقىلىق بېلەت تاشلاشقا ياكى ئۆزئارا سۆز قالدۇرۇشقا بولىدۇ.

  بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، خەلق تورى يەنە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېيجىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىر نەچچە مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ مۇھاكىمە يىغىنى تەشكىللەپ، بىر يىلدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم يىغىنلىرىنىڭ روھى، ھەمدە جەمئىيەتتە ۋە خەلق تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەرگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، ئەڭ ئاخىردا، ئىجتىمائىي كاپالەت، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ساغلام جۇڭگو، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قاتارلىق 18 نامزات قىزىق نۇقتا سۆزلىرىنى بېكىتىپ چىقتى. كەڭ تورداشلار بۇنىڭ ئىچىدىن ئۆزلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئون چوڭ قىزىق نۇقتىدىكى سۆزلەرنى تاللاپ چىقسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر