باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى دېسۇزا: پورتۇگالىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا

2018.12.04 09:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پات ئارىدا پورتۇگالىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسىنىڭ ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندىن كېيىن پورتۇگالىيەدە يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشى شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن بۇيان پورتۇگالىيەدىكى تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى دېسۇزا يېقىندا جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: پورتۇگالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە مۇناسىۋەت، ھازىر تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا دېدى.

  دېسۇزا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 40 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. پورتۇگالىيە بىلەن جۇڭگو ئۆزئارا ئىشىنىدۇ، نۇرغۇن ساھەلەردە زىچ ھەمكارلاشماقتا، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پورتۇگالىيەدىكى زىيارىتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچىسىنى مۇقەررەر كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ھەمدە ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر