باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى قاتارلىق يېڭىدىن تەشكىللەنگەن (نامى ئۆزگەرگەن) بەش تارماق ۋىۋىسكا ئاستى

 جۇ خەيلۈن قاتارلىقلار ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2018.12.03 16:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، لى شىڭ، شيې خۈيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى قاتارلىق يېڭىدىن تەشكىللەنگەن(نامى ئۆزگەرگەن) بەش تارماق ئايرىم- ئايرىم ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جۇ خەيلۈن، تيەن ۋېن، جى جېڭ، جەرۇللا ھېسامىدىن، جاۋ چىڭ، مەڭلىك سېيىت قاتارلىقلار ئايرىم- ئايرىم ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  يېڭىدىن تەشكىللەنگەن (نامى ئۆزگەرگەن) بەش تارماقنىڭ مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەۋقەنى يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى ئورۇن، يېڭى بۇرچقا قويۇپ، ئوي- پىكىرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، خىزمەتلەرنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت ئىقتىسادى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا كۈچەپ يېڭى سەھىپە ئاچىمىز؛ يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي سەھىيە، ئومۇمىي ساغلاملىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە- ساغلاملىق ئىشلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز؛ ئومۇمىيەت قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى ئاڭلىق ھىمايە قىلىپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەربىيلەرنى خاتىرجەم قىلىدىغان، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، تىرىشىپ ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋە نەپىقە ئوبيېكتلىرىنى رازى قىلىپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز؛ دىققەتنى باشتىن- ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىلدۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت بۇرچ، ۋەزىپىنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز؛ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، داۋالاش كاپالىتىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، «سەھىيە ئۈچ ھەمتۈرتكە» ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش كاپالىتى ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرىمىز، ياخشى قوغدايمىز، ياخشى راۋاجلاندۇرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر