باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدۇ

‐‐‐ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا

2018.12.04 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلمىگەن بولسا، جۇڭگونىڭ بۈگۈنى بولمايتتى، جۇڭگونىڭ كەلگۈسىمۇ بولمايتتى.

  «جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن نەپكە ئېرىشتى، جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي بۇ يولنى بويلاپ ماڭىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى بىرىنچى باسقۇچلۇق يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بېرى جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىدىكى ئۇلۇغ مۇساپىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئېچىۋېتىش، سىڭىپ كېتىشكە يۈزلەنگەن تارىخىي يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋىتىشتە قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدىغان كۈچلۈك ئىرادىسىنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

  بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىق خاتىرە يىلى. جۇڭگو خەلقى 40 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە جاپالىق تەرىگە تايىنىپ دۆلەت ۋە مىللەتلەر تەرەققىياتىنىڭ سەلتەنەتلىك داستانىنى يېزىپ چىقتى. 40 يىلدا، جۇڭگو خەلقى باشتىن-ئاخىر كۆڭلىنى ئوچۇق تۇتۇپ، دۇنيانى قۇچاقلاپ، پائال جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشتى. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو «يەر شارىدىن قوغلىنىش خەتەر گىردابىغا» بېرىپ قالغان ھالەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، 1-چوڭ سانائەت دۆلىتى، 1-چوڭ مال سودىسى دۆلىتى، 1-چوڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى دۆلىتىگە ئايلاندى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى كەمچىل بولۇشتىن يېتەرلىك بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى، جۇڭگونىڭ قىياپىتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىپ، مال ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 198 ھەسسە ئاشتى، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 147 ھەسسە ئاشتى، جەلپ قىلغان چەت ئەل مەبلىغى 2 تىرىليون دوللاردىن ئاشتى، ئۇدا نەچچە يىل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %30 تىن ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق مۇقىملاشتۇرغۇچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىگە ئايلاندى. 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە جۇڭگو ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە دۇنياغا بەخت ئېلىپ كەلدى.

  40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو خەلقى تېخىمۇ قەتئىي ھالدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشلا جۇڭگونى راۋاجلاندۇرالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. گەرچە 40 يىلدىن بۇيان بىز تارىخىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن جۇڭگو يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، پۈتكۈل جۇڭگو خەلقىنى گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ توغرا يول، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولى، خەلقنى بېيىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز كېرەك. كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، جۇڭگونىڭ ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ. جۇڭگو تېخىمۇ مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن، تېخىمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئېشىش ئارقىلىق، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر