باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گۇتېرىس 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىك قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى قارشى ئالدى

2018.12.04 09:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنىدا يېقىندا ماقۇللانغان خىتابنامە ھەققىدە توختىلىپ، كۆپ تەرەپلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالدى.

  گۇتېرىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «20دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ بۇئېنۇس ئايرېس يىغىنىنىڭ خىتابنامىسى»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى كۆپ تەرەپلىك ئۇسۇل ئارقىلىق سودا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەمدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى شۇنداقلا قائىدە ئاساس قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپكە ئەمەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى.

  گۇتېرىس مۇنداق دېدى: خىتابنامىدە 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى قوللايدىغانلىقى ھەمدە بارلىق سىياسىي قوراللاردىن پايدىلىنىپ، كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ ۋە سىغدۇرۇشچان ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىش قايتا تەكىتلەندى. 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئادىل يەرشارىلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى يەرشارى پىلانى، بۇنىڭدا ھېچكىمنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ۋەدە بېرىلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر