باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى تىزىملىك ئېلان قىلىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشى ئېغىر دەرىجىدە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ئورۇنلارنىڭ جازالانغانلىق چاۋىسىنى چىتقا يايدى

123 ئورۇننىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشى ئېغىر دەرىجىدە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن

2018.12.04 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىشى ئېغىر دەرىجىدە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن 123 ئورۇننىڭ جازالىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ تۈزىتىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

  بۇلغىما قويۇپ بېرىشى ئېغىر دەرىجىدە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ئورۇنلار ئىچىدە، پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن 78ى بار بولۇپ، ئۇلار جازالانغانلار ئومۇمىي ساننىڭ %63.4ىنى ئىگىلىگەن، ھەمدە ئۇنداقلار ئەڭ يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن؛ ئۇنىڭدىن قالسا، كېرەكسىز گاز بۇلغىمىلىرىغا چېتىشلىق ئورۇن 30غا يەتكەن بولۇپ، ئۇنداقلار جازالانغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %24.4ىنى ئىگىلىگەن. رايونلار بويىچە تارقىلىشىدىن قارىغاندا، بۇنداق ئورۇنلاردىن شىنجاڭدا 27سى، سەنشىدا 15ى، ئىچكى موڭغۇلدا 14ى ۋە لياۋنىڭدا 14ى بار بولۇپ، بۇ تۆت ئۆلكىدە بۇلغىما قويۇپ بېرىشى ئېغىر دەرىجىدە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ئورۇنلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان، ھەمدە ئۇنداق ئورۇنلارنىڭ سانى جەمئىي 70كە يەتكەن، دېمەك، بۇلار جازالانغانلار ئومۇمىي ساننىڭ %56.9نى ئىگىلىگەن. ھەر دەرىجىلىك جايلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى باشقۇرۇش تارماقلىرى 75 ئورۇنغا جەرىمانە قويغان بولۇپ، جەرىمانە قويۇلۇش سوممىسى جەمئىي 79 مىليون 800 مىڭ يۈەنگە يەتكەن (بۇنىڭ ئىچىدە، كۈن بويىچە ئۇدا جازالاشنى يولغا قويۇشقا توغرا كەلگەن ئورۇنلاردىن 11ى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەرىمانە قويۇلۇش سوممىسى جەمئىي 55 مىليون 780 مىڭ يۈەنگە يەتكەن)؛

  بىر ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتى چەكلەنگەن، 122 ئورۇن تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان، 6 ئورۇن ئىش توختىتىلىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلغان، بىر ئورۇن تاقالغان (بۇلغىما چىقىرىدىغان بىر قىسىم ئورۇنلار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى خىلدىن ئارتۇق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى بويىچە جازالىنىشقا قالغان).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر