باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەنزۇ تىلى كېلەر يىلى رۇسىيە دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى تۈرىگە كىرگۈزۈلىدۇ

2018.11.30 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە فېدېراتسىيە مائارىپ-پەن نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئانزۇل مۇزايېۋ يېقىندا، 2019- يىلىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلىنىڭ رۇسىيە دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى تۈرىگە كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مۇزايېۋ يېقىندا «بۈگۈنكى رۇسىيە» خەلقئارا ئاگېنتلىقى ئۆتكۈزگەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا، نەچچە يۈز رۇسىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ 2019- يىلى دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ خەنزۇ تىلى ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر رۇسىيەدە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تەخمىنەن 17 مىڭ ئوقۇغۇچىسى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار تەخمىنەن 3000گە يەتكەن. رۇسىيەدە خەنزۇ تىلىنى دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەنلەر تۈرىگە كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن، مائارىپ مەسئۇل تارماقلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ يىل تەييارلىق خىزمىتى ئىشلىگەن. مۇزايېۋنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى خەنزۇ تىلىنى چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى بېرىدىغان پەن تۈرى قىلىپ تاللايدىكەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللادىن بۇيان، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىدىغان رۇسلار سانى ئۈزلۈكسىز ئاشقان بولۇپ، 2017-يىلىغا كەلگەندە 56 مىڭغا يەتكەن.

  2009-يىلىدىن باشلاپ، رۇسىيەدە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانى بىرلەشتۈرۈلۈپ، رۇسىيە دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانى قىلىنغان، نۆۋەتتە، رۇسىيە دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا جەمئىي 14 پەن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، چەت ئەل تىلى پەنلىرى ئىنگلىز تىلى، نېمىس تىلى، فرانسۇز تىلى ۋە ئىسپان تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر