باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نامرات ئاممىنى بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز

2018.12.03 17:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىچىك ئەگمە پارنىكتىكى سەيلەر ياپيېشىل ئۆسكەنىدى، قوتاندىكى كالا- قويلار يەم- خەشەك يېۋاتاتتى، ئايال ئۆي ئىگىسى ئالدىراش كەچلىك تاماق ئېتىۋاتاتتى، بالىلار ھويلىدا ئويناۋاتاتتى...شايار ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ بازىرى ئوتتۇرا كۆلداشى كەنتىنىڭ ئاھالىسى لوقمان ھېمىتنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمدە، ھويلىسىنىڭ رەتلىك يىغىشتۇرۇلغانلىقىنى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مەنىلىك ياشاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

  لوقمان ئائىلىسى ئىلگىرى نامرات ئائىلە بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان نامراتلىق ئازابىدىن قۇتۇلالمىغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوقمان پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، شۇ يەردىكى كادىرلارنىڭ ياردىمىدە، ھويلىسىدا باقمىچىلىق قىلدى. ھازىر بىر ئائىلە كىشىلىرى يېپيېڭى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى، يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، گۈللەپ ياشنىغان شىنجاڭ دۇنيا كىشىلىرىنىڭ ئالدىدا نامايان بولدى. بۇ جەرياندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا نامراتلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ۋە نامرات ئاھالە ئومۇمىي سانى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ، لوقمانغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ نامرات ئامما نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، بەختلىك، گۈزەل يېڭى تۇرمۇش كەچۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردى، نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئادەتتىكى نامراتلىق مەسىلىسى خېلى ياخشى ھەل قىلىندى، شىمالىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭ ئاساسىي جەھەتتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈلدى.

  2014- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي 1 مىليون 848 مىڭ 300 نامرات ئازايتىلىپ، نامراتلىقنىڭ ئازايتىلىش نىسبىتى %56.3 كە يەتتى، 1617 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلۈپ، ئون نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى. نامراتلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى 2014- يىلىنىڭ بېشىدىكى %22.84 تىن 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %11.57 كە تۆۋەنلىدى.

  «دەل جايىدا بولۇش»تىن ئىبارەت بۇ تۇتقىنى چىڭ تۇتۇش

  11- ئايدا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئاساسەن ئاخىرلاشتى. پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ بارىن بازىرى قوشكۆۋرۈك كەنتى ئاھالىسى ئاتىكەم داۋۇت يەنىلا ئالدىراش ئىدى. ھەر كۈنى سەھەردە، ئۇ كەنتتىكى ھەمراھ زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلەيدۇ، ھازىر ئۇ كىيىم- كېچەك لايىھەلىگۈچىگە ئايلاندى.

  دېھقاندىن كىيىم- كېچەك لايىھەلىگۈچىگىچە، ئاتىكەمنىڭ ئۆزگىرىشلىرى ئىشىكى ئالدىدىكى پەيزى مىللىيچە كىيىم- كېچەك زاۋۇتىدىن كەلدى. 2015- يىلى، كىيىم- كېچەك زاۋۇتى دەسلەپ قۇرۇلغاندا، ئاتىكەم كىيىم- كېچەك زاۋۇتىدا تىككۈچىلىك خىزمىتى تاپتى. «دەسلەپتىكى ھەر كۈنى كىيىم- كېچەك تىكىشتىن، ھازىرقى كىيىم- كېچەك لايىھەلەشكە قاتنىشىشقىچە، كارخانا ماڭا ئۆز قىممىتىمنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان سۇپا ھازىرلاپ بەردى، ھازىر ئايلىق كىرىمىم 800 يۈەندىن كۆپىيىپ 3000 يۈەندىن ئاشتى، بۇنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتىم» دېدى ئاتىكەم.

  نۆۋەتتە، پەيزى مىللىيچە كىيىم- كېچەك زاۋۇتى بۇ كەنت ۋە ئەتراپتىكى تۆت كەنتتىكى 130 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىلىغا 2 مىليون 500 مىڭ قۇر مىللىيچە كىيىم- كېچەك ئىشلەپچىقىرىپ، مەھسۇلاتلىرىنى پاكىستان قاتارلىق يىراقتىكى دۆلەتلەرگە ساتتى.

  نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون «دەل جايىدا بولۇش»تىن ئىبارەت بۇ تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دىققەتنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش جەھەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچەپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت بەش دەرىجىلىك نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۇچۇر ماتېرىيالى ئامبىرىنى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز تارىخىدا تۇنجى قېتىم «ئائىلىلەردە كارتا بولۇش، كەنتلەردە جەدۋەل بولۇش، يېزىلاردا دەپتەر بولۇش، ناھىيەلەردە ئارخىپ بولۇش، ۋىلايەتلەردە توپلام بولۇش، ئاپتونوم رايوندا ئامبار بولۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  مۇشۇ ئاساستا، ئاپتونوم رايون شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىش، ئادەمگىچە دەل جايىدا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش- باشقۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، بۇ يىل، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست 90 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش- پىششىقلاش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرى، ھەمراھ زاۋۇتلارنى قۇرۇپ، ئېغىر نامرات ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن تۈپتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

  «مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»نى «مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن»گە ئۆزگەرتىش

  نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، نامراتلارنى يۆلەشتە چوقۇم ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون نامراتلارنى ماددىي جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىللە، نامرات ئاممىغا قارىتا «نامراتلارنى مەنىۋى جەھەتتىن يۆلەش»كە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  «ئىسمىم ئەلى ئوبۇل، خوتۇنۇم بىلەن تۇمشۇق شەھەرلىك چيەنخەي پاختا توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئىشلەيمەن، يىللىق كىرىمىمىز 60 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا...» 11- ئاينىڭ باشلىرىدا، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چارباغ يېزىسى بەسئۆستەڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئەلى ئۆزىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەۋاتقاندا، چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى، بۇ كۈلكىگە كىرىمى ئاشقانلىقنىڭ خۇشاللىقى ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسى سىڭگەنىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا تېخىمۇ كۆپ نامرات ئامما پەقەت تىرىشقاندىلا، چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

  نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش كۈرەش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسى كەمچىل، بۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بىر چوڭ توسالغۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۈشەنبىلىك بايراق چىقىرىش دائىملىق لېكسىيەسى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، نامرات ئاممىغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئىرادىسىنى ھېس قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، «مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»نى «مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن»گە ئۆزگەرتتى.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا دېھقان- چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسى ئېچىش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە دېھقان- چارۋىچىلارغا قارىتا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى تەربىيەسى ۋە ئەمەلىي ماھارەت تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلىپ، ناھىيە، يېزىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدىن پايدىلىنىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىغان نامرات ئائىلىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ تەربىيەلەشكە تېگىشلىكلىرى تولۇق تەربىيەلىنىپ، ھەر بىر نامرات ئائىلىدىن ئەڭ ئاز دېگەندە بىر ئەمگەكچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، نامرات ئاممىنىڭ بېيىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن غالىب كېلىش ئىشەنچىسى كۈچەيتىلدى.

  ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە، سۈپەتكە ئىگە قىلىش

  خوتەن ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئابدۇجىلىل غوپۇر خوتەن ناھىيەسىدىكى 21 ئېغىر نامرات كەنتنىڭ يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ مۈلۈك ئىگىسى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتكۈل 10- ئايدا قۇرۇلۇش ئورنىدا قادىلىپ تۇرۇپ، نامرات كەنتلەرگە سۇ يەتكۈزۈش تۈرىنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئابدۇجىلىل مۇنداق دېدى: «بۇ تۈر خوتەن ناھىيەسىنىڭ بەش يېزىسىدىكى 21 نامرات كەنتكە چېتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 11 كەنت تاغلىق رايونغا جايلاشقان، بىز جاپا تارتساقمۇ ھېچقىسى يوق، چوقۇم قۇرۇلۇش ئارقىلىق ھەر بىر كەنت ئاھالىسىگە مەنپەئەت يەتكۈزىمىز، بۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىكى تۇرمۇش سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چوقۇم تەلەپكە ئۇيغۇن تاماملىشىمىز كېرەك».

  بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئابدۇجىلىلغا ئوخشاش كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر خېلى كۆپ، ئۇلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرىنچى سېپىنى چىڭ ساقلاپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى مۇستەھكەم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى رايونىدىكى 261 ئېغىر نامرات كەنتنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «توك ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش»تىن «توكنى ياخشى ئىشلىتىش»كە ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون نامرات كەنتلىكتىن چېكىنىشتە نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتىنى %3تىن تۆۋەنلىتىش ئاساسىدا، يەنە سۇ، توك يەتكۈزۈش، يول ياساش، رادىيو- تېلېۋىزىيە يەتكۈزۈش، كەڭ بەلباغلىق تور ئورنىتىش ۋە كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى بازىسى، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئېغىر نامرات ناھىيەلەردە داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كىچىك كېسەللەرنى يېزا، كەنتتىن، چوڭ كېسەللەرنى ناھىيەدىن چىقارماي داۋالاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى؛ تۈرلۈك ئوقۇغۇچىلار ياردەم مەبلىغى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مەركەزلىشىپ، نامرات ئائىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇيدىغانغا مەكتەپ بولۇشى، ئوقۇيالايدىغان بولۇشى، ئوقۇشتىن توختاپ قالمايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغنى بىرتۇتاش تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يېزا ئېلېكتىر تورى، يېزا يولى، نامرات كەنت كەڭ بەلباغلىق تورى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى مۇستەھكەملىدى ۋە ئۆستۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر