باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پارىژدا مالىمانچىلىق يۈز بېرىپ يۈزدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى

2018.12.04 09:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۈلۈشكۈن مالىمانچىلىق يۈز بەردى، بىر قىسىم كىشىلەر كوچىلارغا دەسلەپ چىققاندا، ماي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىنغان ئىدى، كېيىن بۇ ئىش تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، ماكرون ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەدبىرىدىن نارازى بولۇشقا قاراپ ئۆزگەردى. ماكرون بۇ قىلمىشنى ئەيىبلىدى.

  قەدىرلىك دوستلار، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۈلۈشكۈن مالىمانچىلىق يۈز بەردى، نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار زەپەر دەرۋازىسى، چامپىس ئېلىسىس كوچىسى قاتارلىق جايلاردا توقۇنۇشتى. ساقچىلار 300 چە ئادەمنى قولغا ئالدى، مالىمانچىلىقتا 110 چە ئادەم يارىلاندى.

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ئىممانۇئېل ماكرون ئارگېنتىنادا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقاندا، بۇ زوراۋانلىقنى ئەيىبلەپ، كىرىزىسكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 12-ئاينىڭ 2-كۈنى دۆلەتكە قايتىپ مىنىستىرلار يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلدى.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارىژ مەركىزىي رايونىدا ئۈلۈشكۈن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر شەھەر مالىمانچىلىقى يۈز بەرگەن، نامايىشچىلار ماشىنىلارغا ئوت قويۇپ، دېرىزىلەرنى چېقىپ، ماگىزىنلارنى بۇلىغان، پارىژدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەت زەپەر دەرۋازىسىغا قالايمىقان خەت يازغان.

  نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار چامپىس ئېلىسىس كوچىسى، تۇيلېرىس گۈللۈكى قاتارلىق جايلاردا توقۇنۇشقان، ساقچىلار ئىلاجىسىز نۇر چىقارغۇچ بومبا، ياش ئاققۇزىدىغان گاز ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ پۈركۈگۈچ ئىشلەتكەن.

  ساقچىلار 300 چە ئادەمنى قولغا ئالدۇق، 110 چە ئادەم يارىلاندى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ 20 ئەزاسى بار دېدى.

  پارىژ مەركىزىي رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ئۈلۈشكۈن چۈشتىن كېيىنگىچە جىددىي ھالەتتە تۇردى، شەھەر رايونىدىكى 20 دىن ئارتۇق مىترو بېكىتى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن تاقالدى. ساقچىلار زەپەر دەرۋازىسىغا بارىدىغان بارلىق يوللارنى قامال قىلىپ، مالىمانچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ماگىزىنلاردىن مۇددەتتىن بۇرۇن تاقاشنى تەلەپ قىلدى.

  پارىژ شەھىرىنىڭ باشلىقى ئاننى ھىدالگو ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى تىۋىتتىردا، مەن مالىمانچىلىق پەيدا قىلغان بۇزغۇنچىلىق ھەم نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلارنىڭ توقۇنۇشىدىن غەزەپلەندىم ھەم قايغۇردۇم دەپ يازدى. بۇ ئايال شەھەر باشلىقى زوراۋانلىقنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ دەپ تەكىتلىدى.

  بىر قىسىم كىشىلەر كوچىلارغا دەسلەپ چىققاندا، ماي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىنغان ئىدى، كېيىن بۇ ئىش تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، ماكرون ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەدبىرىدىن نارازى بولۇشقا قاراپ ئۆزگەردى.

  بۇ نامايىش 11-ئاينىڭ 17-كۈنى پارتلاپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى ئارقىلىق تارقىلىپ، فىرانسىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا يامرىغان ئىدى.

  فىرانسىيە ھۆكۈمىتى فىرانسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 75 مىڭچە نامايىشچى پەيدا بولدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە پارىژدا 5500 ى بار، گەرچە 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى نامايىش كۆلىمى ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن كىچىك بولسىمۇ، لېكىن پەيدا قىلغان بۇزغۇنچىلىقى تېخىمۇ ئېغىر بولدى دېدى.

  مالىمانچىلىق يۈز بەرگەندە، ماكرون ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنوس ئايرېستا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىدى، ئۇ مۇخبىرلار يىغىنىدا، زوراۋانلىقنى ئەيىبلەپ، ماگىزىنلارنى بۇلاش، بىخەتەرلىك قىسمىغا ھۇجۇم قىلىش، مال-مۈلۈكلەرنى كۆيدۈرۈش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئورۇنلۇق سەۋەبى يوق دېدى.

  ماكرون زوراۋانلىق سادىر قىلغان ئاشۇ كىشىلەر ئۆزگىرىشنى خالىمايدۇ، ئۇلار ياخشىلىنىشنى خالىمايدۇ، ئۇلارغا كېرىكى قالايمىقانچىلىق، بۇ كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئەدلىيەنىڭ سوتلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز، مەن مۇنازىرىگە ئەھمىيەت بېرىمەن، مەن قارشى پىكىرلەرنىمۇ ئاڭلايمەن، لېكىن مەن زوراۋانلىقنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمەن دېدى.

  ماكرون تۈنۈگۈن سەھەردە فىرانسىيەگە قايتىپ مىنىستىرلارنىڭ جىددىي يىغىنىنى ئاچتى. فىرانسىيە زۇڭلىسى ئېدىۋارد فىلىپ بۈگۈن پولشانىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر كاتوۋىسىغا بېرىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىش يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىنى بىكار قىلىپ، دىققىتىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاراتتى.

  ماكرون بۇندىن بۇرۇن مەن ئاممىنىڭ ماي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىدىن نارازى بولغانلىقىنى چۈشىنىمەن، لېكىن مەن زوراۋانلار سەۋەبىدىن سىياسەتنى ئۆزگەرتمەيمەن دېگەن ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر