- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇئېنوس ئايرېس باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى ماقۇللىنىپ، نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى
2018.12.04 09:22 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنىدا 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بۇئېنوس ئايرېس باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى ماقۇللىنىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى.
ئىككى كۈن داۋاملاشقان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنوس ئايرېستا يېپىلدى، باشلىقلار يىغىنىدا «20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ بۇئېنوس ئايرېس باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى» ماقۇللىنىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى.
خىتابنامىدە بارلىق سىياسەت قورالدىن پايدىلىنىپ، كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سۆزلىشىش ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، خېيىم-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش قايتا تەكىتلەندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر