باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى چوڭ بۇش ۋاپات بولدى

2018.12.04 09:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى گېئورگى ھېربېرت ۋولكېر بۇش يەنى چوڭ بۇش 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋاپات بولدى. چوڭ بۇش ھەربىيلىكتىن كېلىپ چىققان، سودا سارايلىرىدا ئىشلىگەن، سىياسىي مۇنبەردە كۆپ يىل ھەرىكەت قىلغان، ياشانغان ۋاقتىدا پاراشۇت بىلەن سەكرىگەن.

  ئۇ زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلىدە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى، گېرمانىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشى قاتارلىق تارىخىي ۋەقەلەرگە گۇۋاھ بولغان. ئۇ چەتئەللەردە قوزغىغان ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشقا قارىتا، كېيىنكىلەرنىڭ قارىشى بىردەك ئەمەس.

  چوڭ بۇش 1924-يىلى تۇغۇلغان، 18 يېشىدا دېڭىز ئارمىيەسىگە قاتناشقان، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسى بولغان. ئۇ 1944-يىلى كۈرەشچى ئايروپىلان ھەيدەپ، تىنچ ئوكياننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن، ئەمما بەختكە يارىشا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر چۆكمە پاراخوتى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان. ئۇ كېيىن «كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇچۇشنىڭ كىرېست ئوردىنى»غا ئېرىشكەن.

  2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇ يالې داشۆسىدە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نېفىت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

  چوڭ بۇش ئون يىلچە سودا قىلغاندىن كېيىن، 1966-يىلى قوشما ئىشتات ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، كېيىن قوشما ئىشتات كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىق رىقابىتىگە قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغان. ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

  چوڭ بۇش 1974-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئالاقە باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ جۇڭگودىكى مەزگىلىدە، ئۇ ئايالى باربارا بىلەن بىرلىكتە ۋېلىسىپىت مىنىپ بېيجىڭنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىنى ئايلىنىپ چىققان.

  چوڭ بۇش 1980-يىلى تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىچىدىكى ئالدىن تاللاش سايلىمىدا رونالد رېگانغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇق نامزاتى سالاھىيىتى بىلەن داۋاملىق سايلامغا قاتناشقان؛ 1981-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بولغان.

  1988-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، ئۇ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان زۇڭتۇڭ نامزاتى مايكول دۇكاكىسنى مەغلۇپ قىلىپ، 1989-يىلى ئامېرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلىنىپ، 1993-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن.

  چوڭ بۇش رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چەتئەللەردە ئىككى قېتىم ئۇرۇش قوزغىغان، 1-قېتىم 1989-يىلى 12-ئايدا پاناماغا ئەسكەر چىقىرىپ، مانۇئىل ئانتونىئو نورېگا رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.

  ئىراق ئارمىيەسى 1990-يىلى 8-ئايدا كۇۋەيتكە تاجاۋۇز قىلغان. چوڭ بۇش ھۆكۈمىتى 2-يىلى 1-ئايدا ئىراققا ئەسكەر چىقىرىپ، پارس قولتۇقى ئۇرۇشىنى قوزغىغان. شۇ يىلى 2-ئايدا، ئىراق كۇۋەيتتىن قوشۇن چېكىندۈرگەن. پارس قولتۇقى ئۇرۇشى بىر مەھەل چوڭ بۇشنى %90 لىك ئەلرايى قوللىشىغا ئېرىشتۈرگەن شۇنداقلا تاشقى ساھەنىڭ ئۇنىڭغا بولغان «ئۇرۇشخۇمار زۇڭتۇڭ» دېگەن تەسىراتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان.

  ئىقتىساد ساھەسىدە چوڭ بۇش ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەرگە ئۇچرىغان. 1992-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايىلىمىدا، چوڭ بۇش دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى رەقىبى بېل كىلىنتونغا يېڭىلىپ قالغان.

  چوڭ بۇش سىياسىيون ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، شۇنداقلا ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا يەتكۈزگەن.

  چوڭ بۇشنىڭ دادىسى پېرىسكوت بۇش ئىلگىرى كوننېكتىكوت ئىشتاتىنىڭ 10 يىل كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان.

  چوڭ بۇشنىڭ چوڭ ئوغلى گىيورگى بۇش ئىلگىرى تېكساس ئىشتاتىنىڭ باشلىقى بولغان، 2001-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ 43-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان، ئىككىنچى ئوغلى جېب بۇش فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ باشلىقى بولغان، 2016-يىلى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىنى تالىشىپ مەغلۇپ بولغان.

  چوڭ بۇش پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ناھايىتى پائالىيەتچان بولدى. ھىندونېزىيەنىڭ سۇماتېرا ئارىلىنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز ساھىلىدا 2004-يىلى كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، ھىندى ئوكيان دېڭىز تاشقىنى پەيدا بولغان، كاترىنا ناملىق قويۇن 2006-يىلى ئامېرىكىنىڭ قىسمەن جايلىرىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۇ كىلىنتون بىلەن بىرلىكتە ئىئانە توپلاپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان.

  ئۇ كېيىن پاركىنسون كېلىسىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولسىمۇ لېكىن ئۈمىدسىزلەنمىگەن، ئۇ پاراشۇت ئارقىلىق سەكرەش ئۇسۇلى بىلەن 75 ياش، 80 ياش، 85 ياش شۇنداقلا 90 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىگەن.

  بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، چوڭ بۇش قان بۇزۇلۇش ۋە قان بېسىمى تۆۋەنلەش، چارچاش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان.

  چوڭ بۇش ۋە ئۇنىڭ ئايالى باربارا ئالتە پەرزەنتلىك بولغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىزى بالدۇرلا تۈگەپ كەتكەن. چوڭ بۇش بىلەن 73 يىل ئۆي تۇتقان باربارا بۇ يىل 4-ئايدا 92 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇلار ئامېرىكا تارىخىدىكى توي قىلغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن زۇڭتۇڭ ئەر-ئايال ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر