باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىش

2018.12.04 09:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولدى ھەمدە ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئىقتىساد-سودا مەسىلىسى قاتارلىقلار ھەققىدە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. تەھلىلچىلەر: بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇھىم پەيتتە تۇرۇۋاتقاندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھىم ئۇچرىشىش بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلاپ، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، دەپ ھېسابلىدى.

  بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش-جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىكى بېيجىڭ ئۇچرىشىشىدىن بۇيانقى يەنە قېتىملىق ئۇچرىشىش شۇنداقلا بۇ يىل 3-ئايدا ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشى ئۈزلۈكسىز كەسكىنلەشكەندىن بۇيانقى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىككى قېتىم تېلېفونلاشقاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم يۈز-تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇشى.

  جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى رۆۋەن زۇڭزې مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش باشلىقلار دىپلوماتىيەسىنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى نامايەن قىلىپ، سىرتقا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىش سەمىمىيىتى بار دېگەن ئىجابىي سىگنال يەتكۈزدى، بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى «يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك».

  رۆۋەن زۇڭزې مۇنداق دېدى: «ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش، مۇقىم بولۇش ئاساسىدىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ يېڭى ئۇقۇم بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ماسلاشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش ئىجابىي سۆزلىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى كونترول قىلىش يولىغا قايتىدىغانلىقى ھەمدە بۇنىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى 40 يىلغا يېقىن ئالاقىلىشىش داۋامىدا توپلىغان مۇھىم تەجرىبە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭدا «مۇقىم بولۇش»نىڭ تەكىتلىنىشىمۇ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ سىجىللىقىنى، تەكرار ياكى ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

  ئۇچرىشىش مەزگىلدە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىقتىساد-سودا مەسىلىسى ھەققىدە «ئىجابىي، مول نەتىجىلىك» مۇزاكىرىلەشتى ھەمدە تاموژنا بېجىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈش قاتارلىق سودا چەكلىمىسى تەدبىرىنى توختىتىش، جۈملىدىن ھازىرقى قارشى تەرەپكە قارىتىلغان تاموژنا بېجى نىسبىتىنى يەنە ئۆستۈرمەسلىك شۇنداقلا باشقا تاۋارلارغا يېڭىدىن تاموژنا بېجى قوشۇش ئېلىش تەدبىرى چىقارماسلىق توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ نەتىجە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىغا پايدىلىق بولۇپ، ھازىرقى ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنىڭ «توختىتىش كۇنۇپكىسىنى باسقانغا» باراۋەر، بۇ ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىپ، تەڭ ئۇتۇق قازىنىشىغا يېڭى ئىستىقبالىنى ئاچتى. شۇنداقلا بۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا پايدىلىق، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر