باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم ئۇچرىشىش

2018.12.04 08:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن بۇئېنوس ئايرېستا كەچلىك تاماقتا بىللە بولدى ھەمدە ئۇچراشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سەمىمىي، دوستانە كەيپىياتتا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. بۇ قېتىمقى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئۇچرىشىش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇش ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام مۇقىم راۋاجلىنىشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  بۇ بىر قېتىملىق ھالقىلىق مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھىم ئۇچرىشىش. بىر مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىقتىساد-سودا ساھەسىدە بىر قىسىم ئىختىلاپلار كۆرۈلۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك كەسىپلىرى ۋە دۇنيا سودىسىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتتى. بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يۈزلىنىشىگە دۇنيا دىققەت قىلماقتا. ئۇچرىشىش مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ تىرامپ ئىككى يېرىم سائەت چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئىككى تەرەپ ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش، مۇقىملىق ئاساس قىلىنغان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلدى؛ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا تاموژنا بېجى كۆپەيتىپ ئېلىشنى توختىتىش ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ھەمدە ئىككى دۆلەت ئىقتىساد ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ جىددىي كېڭىشىپ، تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشنى بىكار قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ، ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈپ، تەڭ ئۇتۇق قازىنىدىغان كونكرېت كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا يوليورۇق بەردى؛ ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپلىك شۇنداقلا خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. بىر يۈرۈش مۇھىم ئورتاق تونۇش ۋە نەتىجىلەر باشلىقلار دىپلوماتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق نامايەن قىلىپ، مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشتەك ئىجابىي سىگنال قويۇپ بەردى.

  جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى چوقۇم ياخشىلاش كېرەك. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇشتا چوڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش ئاساس. ھەمكارلىشىش ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى. ياخشى بولغان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئاساسى رىتىمىنى بىرلىكتە بېكىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ بېرىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە بىرلىكتە يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇھىم بولۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىختىلاپلارنى ياخشى كونترول قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادى گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاقىسى قويۇق، بىر-بىرىگە تايىنىدۇ، ئىقتىساد-سودا ساھەسىدە بىر قىسىم ئىختىلاپلارنىڭ بولۇشى نورمال، ئاچقۇچ-بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر، ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈش روھى ئاساسىدا، مۇۋاپىق كونترول قىلىش ھەمدە ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىش. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىدە ئىجابىي، مول نەتىجىلىك مۇزاكىرىلىشىشى ھەمدە بىر يۈرۈش ئىجابىي خاراكتېرلىك لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپلا قالماستىن يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشىغا يېڭى ئىستىقبال ئېچىپ بەردى. جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ سالمىقى ۋە رېئال مۇرەككەپلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، مەسىلىنى ھەل قىلىش يولى چوقۇم ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. ئىككى تەرەپ «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەنپەئەت ئىختىلاپتىن چوڭ، ھەمكارلىق سۈركىلىشتىن چوڭ» دېگەن قاراش ئاساسىدا باشتىن-ئاخىر سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى تېزراق نورمال يولغا قايتۇرۇپ كېلىشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى-جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغۇچ، ئۆز-ئارا نەپ يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا كۆرۈش-جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر، دۇنيادىكى ئالدىنقى ئىككى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، يەر شارىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالاھىدە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا مەيلى ھەر قايسى ساھەلەردىكى سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلۇش، مائارىپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسۇن، مەيلى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى قاتارلىق زور خەلقئارا رايون مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش بولسۇن، جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ مول مەزمۇنى، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە يەر شارىدىكى تەسىرى نامايەن قىلىندى. بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال كېڭەيتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  بىز جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز، ئىلگىرى ئىشلارنى ئەسلىسەك، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى گەرچە بوران-چاپقۇنلارنى بېسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما باشتىن-ئاخىر دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، تارىخقا يەنە بىر قېتىم جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ ئىككى تەرەپكە پايدا يەتكۈزىدىغانلىقى، تىركىشىشىنىڭ زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوخشاش يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشنى ئىلگىرى سۈرسىلا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە يېڭى ۋەزىيەتنى چوقۇم يارىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر