باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن برۇنېينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى قەيەردىن كەلگەن؟

2018.11.20 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2018-يىلىنىڭ باشلىرىدا، سىتى بانكىسى، خۈيفېڭ بانكىسى قاتارلىقلار برۇنىيېدىكى پۇل-مۇئامىلە كەسىپىنى كەينى كەينىدىن توختاتتى. «ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيادا ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ تەسىرىدە، بۇ بانكىلارنىڭ برۇنىيدىكى نېفىت گازى سودىسى ئۈزلۈكسىز ئازايدى، دېيىلدى.

  ئەمما، يەنە بىر بانكا ئېقىنغا قارشى ئۆرلەپ غەرب بانكىلىرى چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى بوشلۇقنى تولدۇردى. ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو بانكىسى.

  برۇنىي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى 3- چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت ۋە يەر شارىدىكى 4- چوڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت. نېفىت گازى كەسىپى برۇنىينىڭ خەلق ئىگىلىكىدە %60 نى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقئارا بازاردا نېفىت باھاسىنىڭ تەسىرىدە، برۇنىينىڭ ئىقتىسادىي بىر قەدەر زور زەربىگە ئۇچرىدى. برۇنىي «2035-يىلغىچە بولغان ئۇلۇغ پىلان» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەندى.

  چەتئەلنىڭ باشقا مەبلەغ سالغۇچىلىرى برۇنىيدىن چېكىنىپ چىقماقچى بولغاندا، جۇڭگو برۇنىينى قەتئىي قوللاپ، برۇنىي ئىقتىسادىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىگە مۇھىم تۈرتكە بولدى. ئەمەلىيەتتە، 2016-يىلىلا، جۇڭگو بانكىسى برۇنىيدا شۆبە ئاپپارات تەسىس قىلىپ، جۇڭگودىن كەلگەن مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغان ئىدى.

  جۇڭگو بىلەن برۇنىي 1991-يىلىغا بارغاندا ئاندىن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، ئەمما ئىككى دۆلەت 2013-يىلى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەلدۈرۈشنى قارار قىلغان. شۇ يىلى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. برۇنىي بۇ تەشەببۇسقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى ھەمدە ئۇنى قوللىدى. ئىككى تەرەپ چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنى ئىمزالاپ، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن برۇنىينىڭ «2035-يىلغىچە بولغان ئۇلۇغ پىلانىنى» تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «بىر بەلباغ بىر يول» جۇڭگو بىلەن برۇنىي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

  بىرىنچىدىن، برۇنىي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىللە جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەتكە ئايلاندى.

  ئىككىنچىدىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتى تېز ئاشتى. 2017-يىلى ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئېشىپ، 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە برۇنىينىڭ جۇڭگوغا بولغان ئېكسپورت سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى.

  نۆۋەتتە، بارغانسېرى كۆپ جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرى برۇنىيغا مەبلەغ سالماقتا. ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈرى بولغان 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان خېڭيى نېفىت خىمىيە تۈرى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلماقتا. بۇ بىرىنچى باسقۇچلۇق تۈرنىڭ كېلەر يىلى 5-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىدىن ئۈمىد بار، ئىككىنچى باسقۇچلۇق تۈر 2022-يىلى پۈتتۈرۈلىدۇ، بۇ ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سېلىنغان تۈر ئومۇميۈزلۈك پۈتۈرۈلگەندىن كېيىن برۇنىيغا 10 ئىش ئورنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ. تۆت يىل ئىلگىرى، برۇنىي ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى بىلەن «برۇنىي- گۇاڭشى ئىقتىسادى كارىدورى» قۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدى، بۇ جۇڭگونىڭ برۇنىيغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى.

  ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدىن باشقا، جۇڭگو برۇنىينىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، چوڭ مۇئارا كۆۋرۈكى، تېررى رۇم تېز سۈرئەتلىك تاشيولى، ئۇرۇدۇ شەرقىي دامبىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۈستىگە ئېلىپ قۇردى، بۇ قۇرۇلۇشلار برۇنىينىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئاشۇردى. ئالايلۇق؛ برۇنىي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش بولغان تېمبۇرۇڭ دېڭىز ھالقىغان چوڭ كۆۋرۈكى برۇنىينىڭ شەرقىي بىلەن غەربى زېمىنىنى تۇتاشتۇردى، ئىككى جاينىڭ مۇساپىسىمۇ نۆۋەتتىكى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتىن 20 مىنۇتقا قىسقاردى.

  ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى جەھەتتە ئىككى دۆلەتمۇ كۈنسېرى يېقىنلاشتى. 2003-يىلى جۇڭگو برۇنىي پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ئىمتىيازىنى بەردى. 2016-يىلى برۇنىي جۇڭگو پۇقرالىرىغا قۇنۇش ۋىزىسى ئىمتىيازىنى بەردى. ئۆتكەن يىلى جۇڭگودىن برۇنىيغا بارغان ساياھەتچى 52 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى. جۇڭگو برۇنىينىڭ ئەڭ چوڭ ساياھەتچى مەنبەيى دۆلىتىگە ئايلاندى.

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە برۇنىيدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا شى جىنپىڭ بىلەن برۇنىي سۇلتانى خاسانال ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە يۈكسەلدۈرۈشنى بىردەك قارار قىلدى. بۇ قارار يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىجابىي ۋەزىيەتكە ماس كەلدى، ھەم مۇقەررەر ھالدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ.

  جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەت بىرلەشمە باياناتتا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر 1982-يىلىدىكى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپقا ئاساسەن، زېمىن ۋە تەۋەلىك ھوقۇقى ماجىرالىرىنى تىنچ سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەكىتلىدى. ئىككى تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىللە«جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى»نى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،«جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى»كېڭىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېڭىشىشتە بىردەكلىك ھاسىل قىلىش ئاساسىدا بالدۇرراق «مىزان» تۇرغۇزۇشنى قولغا كەلتۈرىدۇ. روشەنكى، جۇڭگو بىلەن برۇنىي ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشى يوق رايون سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىشىنى بىردەك رەت قىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئارىلىشىش جۈملىدىن ئاتالمىش«ئەركىن قاتناش»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلار ۋەزىيەتنى مۇرەككەپ قىلىۋېتىپ بارىدۇ ھەتتا تۈگۈگۈسىز جىددىي ۋەزىيەتنى سادىر قىلماقتا.

  جۇڭگونىڭ برۇنىيدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ياڭ جيەن يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ كۆرسەتكەندەك، جۇڭگو بىلەن برۇنىينىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى چوڭ كىچىك دۆلەتلەر باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بۇمۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ھەمدە ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىغا ئىجابىي كۈچ قوشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر