باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېركېلنىڭ «ئىز باسارلىرى»نىڭ جېڭى باشلاندى

2018.11.20 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېركېل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى خىرىستىيان دېموكراتىك ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۇدا ئۆتەشتىن ۋاز كەچكەنلىكى، زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى 2021-يىلغىچە بولغان ۋەزىپە مۇددىتى توشقۇچە ئۆتەيدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، «ئىز باسارلار»نىڭ جېڭى بۇنىڭلىق بىلەن باشلاندى.

  گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلغان ئەلرايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، مېركېلنىڭ ئورنىغا خىرىستىيان دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەش ئويىدا بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئۈچ نامزات ئىچىدە، مېركېلنىڭ «كونا رەقىبى»، سىياسىي سەھنىدىن ئايرىلغىنىغا ئون يىلغا يېقىن بولغان مىرتىسنى قوللاش نىسبىتى 1-ئورۇندا تۇرغان.

  سايلام ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، مىرتىس ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىسى، خىرىستىيان دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى كاررىنباۋىر ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەئىسلىك ئورنىغا ھۇجۇمغا ئۆتتى.

  مېركېل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى پارتىيەنىڭ رەئىسلىكىنى ئۇدا ئۆتەشتىن ۋاز كەچكەنلىكى، زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى 2021-يىلغىچە بولغان ۋەزىپە مۇددىتى توشقۇچە ئۆتەيدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، «ئىز باسارلار»نىڭ جېڭى بۇنىڭلىق بىلەن باشلاندى. سايلام 12-ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاساسلىق ئۈچ نامزات سودا قانۇن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس مىرتىس، «كىچىك مېركېل» دەپ ئاتالغان كاررىنباۋىر ۋە سەھىيە مىنىستىرى سىپاندىن ئىبارەت.

  گېرمانىيە «يەكشەنبىلىك سۈرەتلەر گېزىتى» 11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلغان ئەلرايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۈچ كىشى ئىچىدە مىرتىسنى قوللاش نىسبىتى %49 بولۇپ، 1-ئورۇندا تۇرغان. كاررىنباۋىر ۋە سىپاننىڭ قوللاش نىسبىتى %32 ۋە %7 بولغان. بۇ قېتىمقى ئەلرايىنى تەكشۈرۈشتە خىرىستىيان دېموكراتىك ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ ئاچا-سىڭىل پارتىيەسى بولغان خىرىستىيان سوتسىيالىستلار ئىتتىپاقى يەنى خىرىستىيان سوتسىيال ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنغان.

  «يەكشەنبىلىك سۈرەتلەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىرتىس بۇ تاراتقۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ كىرىم ئەھۋالىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىغان. ئۇ: مەن ساررىيبىرۇك قانۇن ئىش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى، كىرىمىم بىلەن ئىككى بالىلىق ئائىلەمنى باقالايمەن. ھازىر يىلىغا بىر مىليون ياۋرو پۇل تاپالايمەن، دېگەن.

  مىرتىس تەنقىدچىلەرنىڭ ئۆزىنى «ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتى»گە تەۋە، دېگەن قارىشىنى ئىنكار قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاتالمىش «ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتى» گە تەۋە ئامما توپى غايەت زور مال-مۈلۈك ياكى كارخانا مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان «بەگزادىلەر»، مەن ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئۇنىڭ قارىشىچە، «ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە» ئىقتىسادى كىرىمنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، ئۇ بىر خىل قىممەت قارىشىكەن.

  مىرتىس يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودا ساھەسىدە جانلاندى، ئەمما ئۇ سىياسىي سەھنىدىكى ناتونۇش شەخس ئەمەس. 2000-يىلى مىرتىس 44 ياشتا بولۇپ، خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ «ياشلار ۋەكىلى» دەپ قارىلىپ، %96 ئاۋاز بىلەن فىدراتىسيە پارلامېنتىدىكى خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقى بىلەن خىرىستىيان سوتسىيالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن «ئىتتىپاق پارتىيەسى» پارلامېنتىنىڭ رەئىسى بولغان. 2009-يىلى مېركېل بىلەن تېرىكىشىپ مەغلۇپ بولۇپ، سىياسىي سەھنىدىن چېكىنىپ، ئادۇكاتلىق كونا كەسىپىنى قىلغان.

  گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسى 1-قانىلىنىڭ مېركېلنىڭ «ئىز باسار»لىقىنى تالىشىۋاتقان ئۈچ ئاساسلىق نامزاتنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئەلرايى ئاساسىغا قارىتا، ئەڭ يېڭى ئەلرايىنى تەكشۈرۈشتىن ئوخشىمىغان نەتىجە بارلىققا كەلدى. بۇ ئەلرايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، كاررىنباۋىرنى قوللاش نىسبىتى %46، مىرتىسنىڭ %31، سىپاننىڭ %12 بولغان. بۇ تۈرلۈك ئەلرايىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئوبيېكت دائىرىسى نىسبەتەن كىچىك ئىكەن.

  كاررىنباۋىر بۇ يىل 56 ياش، ئۇ ئاياللار پارتىيەسى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «كىچىك مېركېل» دەپ ئاتالغان. ئۇ مېركېلنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كېيىنكى «كۆڭۈلدىكىدەك» نامزات ئىكەن. سايلام ۋاقتىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەئىسى بولغاندىن كىيىن قوللىنىدىغان يېڭى تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلغان.

  كاررىنباۋىر گېرمانىيە غەربى جەنۇب رادىيو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: ئەگەر خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانسام، ئايال پارلامنت ئەزالىرىنىڭ نىسبىتىنى بېكىتىشنى ئويلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنىڭ فېدېراتسىيە پارلامېنتىغا كىرىشىگە قولايلىق يارىتىمەن. ئۇنىڭ قارىشى بويىچە، خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقى 1996-يىلى پارلامنت ئەزالىرى ئىچىدە سايلامغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئاياللار بولىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. بىراق خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقى كۆپ يىللاردىن بۇيان بۇ بەلگىلىمىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن.

  كاررىنباۋىر «ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا گېرمانىيە ھازىر يولغا قويۇۋاتقان قوش دۆلەت تەۋەلىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتتىن پايدىلىنىپ، گېرمانىيە جەمئىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى، دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ «ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، قوش دۆلەت تەۋەلىكى ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ، بىز بۇ سىياسەتنى ئاياغلاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىشىمىز كېرەك، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر