باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سىنگاپور سىياسىيونلىرى ۋە ئالىملىرى: ئىككى دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى ئۆز ئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك

2018.11.08 15:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپتە ئۆزگىرىش ياساش پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىماقتا. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بولغان تىرەكلىك ۋە يېتەكچىلىك رولى بارغانسېرى گەۋدىلىك بولماقتا. سىنگاپور سىياسىيونلىرى ۋە ئالىملىرى سىنگاپور بىلەن جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى ئۆز ئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور دەپ ھېسابلىدى.

  جۇڭگو 40 يىللىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشكە تايىنىپ، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلدى بولۇپمۇ غايەت زور پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قوشۇنى ھازىرلىدى. سىنگاپور ئېچىۋېتىش تىپىدىكى يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلدى، مەلۇم دەرىجىدە پەن-تەتقىقات ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە. تېخنىكا يۆتكەش، كاپىتال بازىرىنى باشقۇرۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە تەجرىبىسى مول. ئىككى دۆلەت پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدە بىر قەدەر كۈچلۈك ئۆز ئارا تولۇقلاشچانلىقىنى ئىپادىلىدى.

  جۇڭگو بىلەن سىنگاپور ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ئەل ئارىسىدىكى پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسى ياخشى. 1992-يىلىلا ئىككى تەرەپ "جۇڭگو-سىنگاپور ھۆكۈمەتلەر ئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى"نى ئىمزالىغان ھەمدە جۇڭگو-سىنگاپور پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق بىرلەشمە كومىتېتى قۇرغان. جۇڭگو بىلەن سىنگاپور پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدە كەڭ ۋە زور ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقلارنى قانات يايدۇردى، بىرلىكتە قوللىغان بىرلەشمە تەتقىقات تۈرلىرى ماتېرىيال، بىئودورىگەرلىك، ئەقلىي شەھەر قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، مەلۇم مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى.

  سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ بۇ يىل 4-ئايدا تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىنگاپورنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەقلىي شەھەر تورى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. جۇڭگو ھازىر 500 شەھەردە ئەقلىي شەھەر سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنى باشلىدى. ئۇ ھازىر يەر شارى بويىچە ئەقلىي شەھەر سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت. سىنگاپور جۇڭگودىن ئۆگەنسە ۋە تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلسا بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ ساھەدە جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈتمەكتە.

  سىنگاپور-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، سىنگاپور نەنياڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى ئالى تەتقىقات ئورنى مەڭگۈلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئورنىنىڭ باشلىقى پەن گوجۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا سالغان سېلىنمىسى غايەت زور. 10 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، بىيوتېخنىكا قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلدى. جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سىنگاپور تېخىمۇ كۆپ تەرەپلەردە جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەتكە تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەك يارىتالايدۇ.

  سىنگاپور-جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، سىنگاپور نەنياڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى شىن زېشياڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: سىنگاپور ئىقتىسادىنىڭ ئېچىۋېتىش دەرىجىسى يۇقىرى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك. ئۇنىڭدىن باشقا سىنگاپور جەمئىيىتى جۇڭگولۇقلار ئەۋلادىنى ئاساس قىلغان، سىنگاپور بىلەن جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى تەبىئىي ئۈستۈنلۈككە ئىگە.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سىنگاپور پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ. ئىككى دۆلەت جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى پەن-تېخنىكا شېرىكلىك پىلانى رامكىسى شۇنداقلا :بىر بەلباغ، بىر يول" پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتى پىلانى رامكىسى ئاستىدا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش جەھەتتە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر