باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە تاراتقۇسى: 6 كىشى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرونغا ھۇجۇم قىلىش سۇيىقەستىدە بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى

2018.11.08 15:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆپلىگەن فىرانسىيە تاراتقۇسى مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى 6 كىشى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرونغا ھۇجۇم قىلىش سۇيىقەستىدە بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى، دېدى.

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق تاراتقۇلار خەۋىرىدە مۇنداق دېدى: بۇ 6 گۇماندار فىرانسىيەدىكى ئەشەددىي ئوڭ قاناتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلار زۇڭتۇڭ ماكرونغا ھۇجۇم قىلىش سۇيىقەستىدە بولدى، دەپ گۇمان قىلىندى. ئۇلارنى فىرانسىيە ئاخبارات تارماقلىرى قولغا ئالدى. دائىرىلەر ئۇلارنىڭ ئېنىق سالاھىيىتىنى ئېلان قىلمىدى.

  ماكرون مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئوڭ قانات ئەسەبىيچىلىرىنىڭ پەيدا قىلغان تەھدىتىگە دىققەت قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، فىرانسىيە ساقچىلىرى پارىژ قاتارلىق جايلاردا مۇھاپىزەتنى كۈچەيتتى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس قاتارلىق سىياسىيونلار مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى پارىژدا ئالاقىدار پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر