باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا خەۋپسىزلىكى ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالاھىدە كۆزىتىش ئۆمىكى خادىملىرى ۋە مال مۈلۈكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2018.11.08 15:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوكرائىنىيە مەسىلىسى بويىچە ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى يەنى ئۇكرائىنا، ياۋروپا خەۋپسىزلىكى ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، رۇسىيە مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا قەرەللىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ياۋروپا خەۋپسىزلىكى ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سايىدىك ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ياۋروپا خەۋپسىزلىكى ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە كۆزىتىش ئۆمىكى خادىملىرى ۋە مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  سايىدىك سۆھبەتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ياۋروپا خەۋپسىزلىكى ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالاھىدە كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ بىر يىراق مۇساپىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايوننىڭ ئاسمىنىدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا يوقاپ كەتتى. ئۇ مىنىسكى كېلىشىمىنى ئىمزالىغۇچى تەرەپنىڭ زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئالاھىدە كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ خادىملىرى ۋە مال مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ھەمدە ئالاھىدە كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئالاقىدار ھەرىكەتلىرىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  سايىدىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايوننىڭ ۋەزىيىتى مۇقىم ئەمەس، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى يەنىلا بىر قەدەر كۆپ. ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشىنى ھەمدە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر