باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قارا پەن - تېخنىكا كىشىلەرنى كەلگۈسى دۇنياغا ئېلىپ كىرىدۇ

2018.11.08 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنى، ئىنتېرنېت نۇرى كۆرگەزمىسى مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى جېجياڭنىڭ ۋۇجېندا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ ئورنى «خەلقئارا، يېڭىلىق يارىتىش، كەلگۈسى، ئالدىدا مېڭىش، قوشۇلۇش» دەپ بېكىتىلدى، كۆرگەزمىدە دۇنيا ئىنتېرنېتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ھالىتىگە داۋاملىق نەزەر سېلىندى. جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋۇ جۈنچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانا سانى تېخىمۇ كۆپ بولدى، كۆرگەزمە مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىدى.

  « قارا پەن - تېخنىكا » يىغىلغان كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلسىڭىز، خۇددى « كەلگۈسى دۇنيا »غا كىرىپ قالغاندەك بولىسىز، كەلگۈسى تۇيغۇ ۋە پەن - تېخنىكا تۇيغۇسىغا ئىگە بولىسىز. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ماشىنا ئادەم يەنىلا بۇ يىلقى كۆرگەزمىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالدى، جېجياڭ شياۋيۈەن ماشىنا ئادەم شىركىتى كۆرگەزمە ئورنىدا، مۇخبىر بىر خىل ماشىنا ئادەمنى كۆردى، ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى خۇددى بىر مال سېتىۋېلىش ھارۋىسىغا ئوخشايتتى، لازېر نۇرى سەزگۈسىدىن پايدىلىنىلغان بولۇپ، ماشىنا ئادەم قوللىنىلغاندىن كېيىن ئادەمگە ئەگىشىپ ماڭالايدۇ ھەمدە ئاپتوماتىك ئۆزىنى دالدىغا ئالالايدۇ.

  2018 5G -يىلىدىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش ساھەسىدىكى قىزىق تېما، بۇ يىلقى ئىنتېرنېت نۇرى كۆرگەزمىسىدە، مۇخبىر G5غا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تېخنىكىلارنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى كۆردى. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ كۆرگەزمە ئورنىغا G5 قوللىنىلغان «يىراق مۇساپىلىك داۋالاش جىددىي قۇتقۇزۇش» تۈرى قويۇلغان ئىدى، بۇ ئارقىلىق ۋاقىت پەرقى بولغان يىراق مۇساپىلىك ھاياتلىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى يەتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر