باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى

2018.11.08 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگو شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قاراپ چىقىشقا قاتناشتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 150 دۆلەت ۋەكىلى يىغىندا سۆز قىلدى.

  قاراپ چىقىش جەريانىدا، رۇسىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، پاكىستان، كۇبا، كامبودژا قاتارلىق 120 نەچچە دۆلەت جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، جۇڭگو نامراتلىقنى ئازايتىش ۋە ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەر قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلەر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى دەپ قارىدى . جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرگە ئىجابىي سۆزلەشتى ۋە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

  ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە جۇڭگونى سەۋەبسىز ئەيىبلىگەنلىكىگە قارىتا، ۋەكىللەر ئۆمىكى نۇرغۇن پاكىتلار ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ، بۇنىڭغا كەسكىن رەددىيە بەردى، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە دەخلى تەرز يەتكۈزۈشىگە قەتئىي قارىشى تۇردى. شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئالاقىدار مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى.

  قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى، نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە غەرب ئەللىرى ۋەكىللىرى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەبرىكلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر