باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز «بىر ئائىلىنىڭ بىر ئۆيلۈك يېرى بولۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

2018.11.08 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ يۈجياڭدا ئېچىلغان يېزىلاردىكى ئۆيلۈك يەر قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېزا ئىگىلىك يېرى ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان ئېلىمىزنىڭ ئۆيلۈك يەرلەرنى ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا «بىر ئائىلىنىڭ بىر ئۆيلۈك يېرى بولۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ھوقۇق- مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە كۆپ مەنبەلىك ئېرىشىش ئۇسۇلى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، «ھەممە ئائىلىنىڭ ئۆيى بولۇش» كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، يېزا يەر بايلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلىدىكەن.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، سابىق دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ شىيۈەن مۇنداق دېدى: ئەسلىدىكى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، جياڭشىنىڭ يۈجياڭ قاتارلىق نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلار «بىر ئائىلىنىڭ بىر ئۆيلۈك يېرى بولۇش»تىن باشلاپ، يېزا يەرلىرىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تۇرالغۇ يەرلىرىنى ئىشلىتىشتىكى «كۆپ بولۇش، چوڭ بولۇش، رەتسىز بولۇش، بوش قېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش» قاتارلىق قالايمىقان ھالەتلەرنى توسۇپ، يېزا كوللېكتىپ يەرلىرى ئومۇمغا تەۋە بولۇش قارىشىغا قايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر ئائىلىنىڭ بىر ئۆيلۈك يېرى بولۇش، كۆلىمىنى قانۇنىي بەلگىلەش»تەك ئادىل باشلىنىش نۇقتىسىغا قايتتى.

  دۆلىتىمىز قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئۆيلۈك يەر تۈپ تۈزۈمى سۈپىتىدە، «بىر ئائىلىنىڭ بىر ئۆيلۈك يېرى بولۇش» − دېھقانلارنىڭ ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش __ يېزا كوللېكتىپىنىڭ بىرقانچە جايدىكى ئۆيلۈك يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىشىنىڭ قانۇن ئاساسى بولۇپ، سوتسىيالىستىك ئادىللىق، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ يەرگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ بىر خىل ئىپادىسىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر