- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گېرمانىيەنىڭ سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار: گېرمانىيەنىڭ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ بار
2017.11.06 14:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گېرمانىيە سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار ئۈلۈشكۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بازىرى تېز ئاشماقتا، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى، جانلىق بولماقتا، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ بار.
شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-گېرمانىيە كارخانا ساھەسىنىڭ بىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە گېرمانىيە ئىلغار سانائەت پەن-تېخنىكا تەتقىقات يۇرتىنىڭ باش دېرىكتورى توماس نولتىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025» بىلەن گېرمانىيە «سانائىتى 4»ئىستىراتىگىيىسىنى تۇتاشتۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە.
گېرمانىيە ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار بىرلەشمىسى جۇڭگو رايونىنىڭ رەئىسى بوستېلمان تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگوغا بېرىپ كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇۋاتقان گېرمانىيەنىڭ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سانائەت ھەمكارلىقىنىڭ مىسلىسىز يوشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر