باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت دوكلاتىدا دۆلەت تەۋەلىكى يوق ئاز ساندىكى كىشىلەر يەنىلا كەمسىتىلمەكتە دېيىلدى

2017.11.06 14:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي خادىملار مەھكىمىسى 3-نويابىر ئەڭ يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئورگىنىمىز ئالاقىدار ھەرىكەتلەرنى توپتوغرا ئۈچ يىل قوزغىغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى دۆلەت تەۋەلىكى يوق ئاز ساندىكى كىشىلەر يەنىلا ئومۇميۈزلۈك ئېغىر كەمسىتىش، چەتكە قېقىش، زىيانكەشلىككە دۇچ كەلمەكتە، ئالاقىدار دۆلەتلەر دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ، بارلىق كىشىلەرنى باراۋەر دۆلەت تەۋەلىكى ھوقۇقىدىن بەھرىمەن قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  دوكلاتتا، ئالاقىدار دۆلەتلەر تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت تەۋەلىكى يوق ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش، جۈملىدىن ئۆز تەۋەسىدىكى دۆلەت تەۋەلىكى يوق ئاز ساندىكى كىشىلەرنى دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېلىش ياكى دۆلەت تەۋەلىكىنى ئېنىقلاش، بالىلارنى تۇغۇلغان دۆلەتنىڭ تەۋەلىكىگە ئېرىشتۈرۈش ھەم ئىرق، مىللەت، دىن ياكى ئاز سانلىق مىللەت تىللىرى قاتارلىق كەمسىتىش خاراكتېرلىك باھانىلەر بىلەن دۆلەت تەۋەلىكىنى ئىنكار قىلىش ياكى ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىش جەھەتتىكى قانۇن ۋە ئۇسۇللىرىنى بىكار قىلىشقا دەۋەت قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر