باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن رۇسىيە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدە كېڭەشتى

2017.05.24 15:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى كۇڭ شۇەنيو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مۇرگۇروف موسكۋادا كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسى توغرىسىدا نۇقتىلىق پىكىر ئالماشتۇردى.

  جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىردەك چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش، يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش، مەسىلىلەرنى سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك دەپ ھېسابلىدى. ئىككى تەرەپ يەنە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش قالايمىقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى، يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۋېتىدىغان ھەر قانداق مەيدانلارغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم بېكىتتى. ئىككى تەرەپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنى پەسەيتىپ، سۆزلىشىش مۇساپىسىنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  جۇڭگو بىلەن رۇسىيە، ئامېرىكىنىڭ كورېيەدە ساد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر