باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە زۇڭتۇڭى گوللاندىيەنىڭ تۈركىيە مىنىستىرىنىڭ باش ئەلچىخانىغا بېرىشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

2017.03.17 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 12-مارت ئىستانبۇلدا پائالىيەتكە قاتناشقاندا، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەت مىنىستىرى كايا ساياننىڭ تۈركىيەنىڭ گوللاندىيەنىڭ روتتېردامدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا بېرىشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، گوللاندىيە بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ دېدى. ئەردوغان مۇنداق دېدى: مەن ناتسېتلار يوقالدى دەپ قارىغان ئىدىم ، بىراق ئۇ يەنىلا غەرب ئەللىرىدە مەۋجۇت ئىكەن.

  تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى قىلىچ دانو ئوغلى ھۆكۈمەتنىڭ گوللاندىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  شۇ كۈنى، تۈركىيەلىك تەخمىنەن 100 كىشى دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ گوللاندىيەنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى سىرتىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزگەن، ئۇلار يەنە باش كونسۇلخانىدىكى گوللاندىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەن دۆلەت گېربىنى ئىلىۋېتىپ، ئورنىغا تۈركىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئاسقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر