باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىتالىيەنىڭ قۇتقۇزغۇچ تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ئالتە ئادەم قازا قىلدى

2017.01.26 12:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىتالىيە ئانزا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر قۇتقۇزغۇچ تىك ئۇچار 24- يانۋار ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تاغلىق رايونغا چۈشۈپ كەتكەن. بۇ تىك ئۇچار شۇ جايدىكى داۋالاش-جىددىي قۇتقۇزۇش تارماقلىرىغا تەۋە ئىكەن، شۇ ۋاقىتتا ئۇ تىك ئۇچار نورمال جىددىي قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان، ھەمدە قار مەيدانىدىكى قۇتقۇزۇلغان يارىدارلارنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭغان ئىكەن. قازا قىلغانلار بولسا، يارىدارلار، ئىككى نەپەر ئالپس قۇتقۇزغۇچى خادىم، بىر نەپەر دوختۇر ۋە بىر شوپۇر قاتارلىق كىشىلەر بولۇپ، شۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايروپىلاندىكى ئالتە ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر