باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاغان مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ

2017.01.26 10:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلى چاغان مەزگىلىدە (1- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە)، ئاپتونوم رايونىمىزدا روشەن سوغۇق ھاۋا ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ، كۆپ قىسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرا سەل يۇقىرى بولۇپ، كىلىمات شارائىتلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا سىرتقا چىقىشقا بىر قەدەر ماس كېلىدۇ.

  25- يانۋار، ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، چاغان مەزگىلىدىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھاۋارايى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مۇلازىمەتچىسى دوۋ شىنيىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، چاغان مەزگىلىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ بويلىرىدا كۆپ تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 1- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 1- ئاينىڭ 29- كۈنىگىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى شامال ئېغىزى رايونلىرىدا شىۋىرغان كۆرۈلىدىكەن. 2- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2- كۈنىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدا ئازىراق قار ياغىدىكەن، باشقا ۋاقىتلاردا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇمانلىق ھاۋا ۋە قىسمەن جايلاردىكى شىۋىرغانلىق ھاۋارايىنىڭ قاتناش ۋە ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قاتارلىقلارغا ئېلىپ كېلىدىغان قولايسىزلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشغا توغرا كېلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر