باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىڭ خوڭۋىي ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇترېس بىلەن كۆرۈشتى

2016.12.23 15:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مىڭ خوڭۋىي 20-دېكابىر نىيۇيوركتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان باش كاتىپى گۇترس بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن يەر شارى بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان زور مەسىلىلەردىكى ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلى ھەمكارلىق مۇنبىرىنى بىرلىكتە قۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  گۇترىس مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە يەر شارى بىخەتەرلىكى تەرەققىياتى خىرىسقا يولۇقماقتا، جىنايى ئىشلارنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىكى كۈنسېرى گەۋدىلىك بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى ئىنتايىن مۇھىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر