- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شۋىتسىيە، چېگرانى باشقۇرۇپ كونتىرول قىلىشنى داۋاملىق ئۇزارتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2016.06.03 14:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شۋىتسىيە ھۆكۈمىتى1-ئىيۇن، مۇساپىرلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى ئىلىپ كەلگەن غايەت زور خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، چېگرانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى 11-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە ئۇزارتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شۋىتسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى مۇنداق دېگەن: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى شىۋىتسىيەنىڭ چېگرىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېتىراپ قىلدى. شىۋېتسىيە ئۆزىنىڭ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملىشىدىغان ئۇزارتىش توغرىسىدا قارار چىقارسا بولىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: چېگرانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش يەنىلا دانىيە بىلەن تۇتىشىدىغان ئېرى دېڭىزدىن ھالقىغان كۆۋرۈك ۈبىلەن شۋىتسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسىمى، غەربىي قىسىم رايونىدىكى كۆپلىگەن نۇقتىلاردا يولغا قويۇلۇپ، چېگرىدىن كىرگەن خادىملارنىڭ كىملىكى قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ.
سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2015-يىلى شىۋېتسىيەگە كىرگەن ۋە پاناھلىنىشنى ئىلتىماس قىلغان مۇساپىرلارنىڭ سانى 163 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر