باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«بىخەتەرلىك تاسمىسى ـ ھاياتلىق تاسمىسى» - مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى كۈنى 50 شوپۇر بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىغانلىقتىن جازالاندى

2016.06.03 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئىيۇندىن باشلاپ، «بىخەتەرلىك تاسمىسى-ھاياتلىق بەلبېغى» مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى رەسمىي باشلاندى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ساقچى تارماقلىرى شوپۇر، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىماسلىق قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى باشلىدى. 1-ئىيۇن كەچ سائەت 6 گىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شىنخۇا يولى ئوتتۇرا ئەترىتى پەقەت ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ كۆۋرۈكى يول ئېغىزىدىلا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىمىغان 50 شوپۇرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، مىنىبۇس، ئائىلە ماشىنىسى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان بولۇپ، قاتناش ساقچىلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش پونكىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ھەم تەكشۈرۈش، كونترول قىلىش، يولنى كۈزۈتۈش ۋە توسۇش سىستېمىسىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىغان ماشىنىلارنى توسۇش ۋە سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقى كۈچەيتىلگەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قاتناش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يى پېڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، كۆپ قىسىم شوپۇرلارنىڭ ھەممىسى ماشىنىغا چىقىسا بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقايدىغان ياخشى ئادەت يېتىلدۈرگەن، لېكىن يەنە ئاز بىر قىسىم شوپۇرلار بىخەتەرلىك تاسمىسىنىڭ رولىغا سەل قارايدۇ. قاتناش ساقچىلىرى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىدۇ، شوپۇر ۋە شوپۇرنىڭ قېشىدىكى ئورۇندىكى يولۇچىلار چوقۇم بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر