باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

4-ئىيۇن تۇرپاندا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40 قا يىتىدۇ

2016.06.03 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرپان شەھىرىدە 2-ئىيۇن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىلغان بولۇپ، كەلگۈسى ئىككى كۈندە تۇرپان شەھىرىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃37 دىن يۇقىرى بولىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە 4-ئىيۇن تېمپېراتۇرا ℃40 بولىدىكەن.

  ئىيۇن ئايلىرى كىرىشى بىلەن تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك ئۆرلىدى. شىنجاڭ رايونىنىڭ كېلىمات ئۆلچىمىگە ئاساسەن، ئۇدا بەش كۈن ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃20 دىن يۇقىرى بولىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ياز پەسلىگە كىرىش ۋاقتى 7-ئىيۇن ئەتراپىدا بولۇپ، مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرى رەسمىي ياز پەسلىگە قەدەم قويغان.

  پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدىن قارىغاندا، 3-ئىيۇن كۈندۈزدىن 4-ئىيۇن كۈندۈزگىچە ئىلى دەريا ۋادىسى، بورتالا، تارباغاتاي، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن، تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن. كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر