باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كورلىدا تۇيۇقسىز كەلكۈن كېلىپ، 40تىن ئارتۇق ساياھەتچى قاپسىلىپ قالدى

2016.06.03 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتتىق يامغۇر داۋاملىشىۋەرگەنلىكتىن، 31-ماي كەچ سائەت 7ئەتراپىدا، كورلا شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تۇيۇقسىز كەلكۈن ئاپىتى يۈزبەردى. بىر ساياھەت رايونىغا ساياھەتكە كەلگەن 40تىن ئارتۇق ساياھەتچى، بەشتىن ئارتۇق ئائىلە ماشىنىسى قاپسىلىپ قېلىپ چىقالمىدى. ۋاقتىدا قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق، شۇ كۈنى كەچ سائەت 10لار ئەتراپىدا قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىلدى.

  مۇخبىرنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى كورلا شەھىرى چوڭ ئەترىتىنىڭ تەڭرىتاغ ئوتتۇرا ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ساياھەتچىلەر ۋە ئاپتوموبىل قايتىش سەپىرىدە كەلكۈنگە يۇلۇققان بولۇپ، ئاپتوموبىللار لاتقىغا پېتىپ قېلىپ چىقالمىغان. قارا يامغۇردا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بولغاچقا، يول يۈزىنى تاش ۋە لاتقا قاپلاپ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى يول يۈرۈشكە ئامالسىز قېلىپ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ سەككىز كىلومېتىر پىيادە يول يۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان نەق مەيدانغا بارغان. ئاپەت يۈز بەرگەن نەق مەيداندا كەلكۈندە قاپسىلىپ قالغان ساياھەتچىلەر ناھايىتى جىددىيلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بىر چەتتە توختىتىپ قويۇلغان بىر نەچچە ماشىنا پاتقاققا پېتىپ قالغان. قۇتقۇزۇش خادىملىرى قۇتقۇزۇش كىيىمىنى كىيىپ، بىر-بىرىنى ئارغامچا بىلەن باغلاپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى يۆلەپ بىخەتەر رايونغا ئاپىرىپ قويغان، ئارقىدىن ئاپتوموبىل ئىگىسىگە ياردەملىشىپ ئاپتوموبىلنى ئىتتىرىپ چىقارغان، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىلىمۇ ۋاقتىدا يولنى تازىلىغان.

  شۇ كۈنى كەچ سائەت 10دىن ئاشقاندا، 40 نەچچە ساياھەتچى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئىككى ھويلا - ئارام سەيلىگاھىدىكى سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى بىخەتەر رايونغا ئوڭۇشلۇق يۆتكىۋېتىلگەن، لاتقىغا پېتىپ قالغان ئاپتوموبىللارمۇ قۇتقۇزۇپ چىقىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر