باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە زۇڭتۇڭى ياپونىيەنى تارىخقا ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى

2015.08.05 17:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گۈنھى 3-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىدىغان سۆھبىتىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، تارىخىي سۆھبەت تونۇشىغا ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پاك گۈنھى شۇ كۈنى زىيارەتكە بارغان ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ئوكادا بىلەن كۆرۈشكەندە يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى. پاك گۈنھى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇراياما سۆھبىتى بىلەن كونو سۆھبىتى قاتارلىقلاردا ياپونىيە مىللتارىزىمىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى ۋە تاجاۋۇزچىلىق تارىخىي ئۈستىدە ئويلىنىلغان، ياپونىيەنىڭ تارىختىكى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تارىخىي تونۇشى كورىيە بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ بۈگۈنگىچە تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم تۈرۈكى بولۇپ كەلدى. پاك گۈنھى ئابې شىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇن لايىھەسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيەدىكى بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇن لايىھەسىگە ئالاقىدار مۇنازىرىلەر تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كېلىشى، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇشى ھەمدە سىياسەتنىڭ ئاشكارىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر