- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
نيۇيوركتا لېگىئوننارس كېسىلى تارقىلىپ،7ئادەم قازا قىلدى،86ئادەم يۇقۇملاندى
2015.08.05 14:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نيۇيورك شەھەر باشلىقى بىل دېبۇلاشىئوۋ 4–سىنتەبىر مۇنداق دىدى: نيۇيورك شەھىرى برونكس رايونىدا لېگىئوننارس كېسىلى تارقالغان ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان،7 ئادەم قازا قىلدى، يۇقۇملانغان ئادەم سانى 86گە يەتتى
ھۆكۈمەت خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، لېگىئوننارس كېسىلى بولسا لېگىئوننارس ئۇرۇقدىشى مىكروبى كەلتۈرۈپ چىقارغان كلىنىكىلىق بىرلەشمە كېسەللىك بولۇپ، 1976-يىلى ئامېرىكا فىلادېلفىيەدە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر يىغىنى ئېچىلغاندا تارقالغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئاتالغان. كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە ئاساسلىقى تۇپراق، پاسكىنا سۇ ۋە ھاۋا ئارقىلىق تارقىلىپ، نەپەس يولىدىن كىرىدۇ، كىلىنىكىلىق ئالامىتى ئۆپكە ياللۇغىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر