- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كولۇمبىيەدە قارا بۈركۈت بەلگىلىك تىك ئۇچار ئايروپىلان يەرگە چۈشۈپ كېتىپ 15ساقچى قازا قىلدى
2015.08.05 14:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كولۇمبىيە ساقچى تەرەپنىڭ4-سىنتەبىر ئېيتىشىچە، قارا بۈركۈت بەلگىلىك تىك ئۇچار ئايروپىلان كولۇمبىيەنىڭ غەرىبى شىمالدىكى چەت ئورمانلىقتا يەرگە چۈشۈپ كېتىپ پاچاقلىنىپ كەتكەن، ئايروپىلاندىكى15ساقچى قازا قىلغان.يەرلىك ساقچى تەرەپنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، يەنە ئىككى نەپەر ساقچى ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، ھازىر دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزىلىۋېتىپتۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئۈچۈن، تەكشۈرۈش خادىملىرى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيدانغا جىددىي ئەۋەتىلگەن. قارا بۈركۈت بەلگىلىك تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن يەر كولۇمبىيەدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىك گورۇھىنىڭ باشقۇرۇش دائېرىسىدە ئىكەن، بىراق ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، تىك ئۇچار ئايروپىلان مېخانىكىلىق كاشىلا تۈپەيلىدىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر