- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە: ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازاسىنى كېڭەيتىشى ئىككى دۆلەتنىڭ قارشىلىشىشىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ
2015.08.03 14:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئۇكرائىنا كىرزىسىنى باھانە قىلىپ، ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنى يېڭى مىنىسكى كېلىشىمىنى ئادا قىلىشقا ئۈندىمەستىن، ئەكسىچە رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن جازاسىنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە پۇقرالىرى ۋە كارخانىلىرىغا قاراتقان جازانى داۋاملىق كېڭەيتىشى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە بىلەن قارشىلىشىش يولىنى تاللىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ قارشىلىشىشىنى يەنىمۇ ئېغىرلىتىۋېتىدۇ.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئۈلۈشكۈن رۇسىيەلىك 11 پۇقرانى ۋە رۇسىيەلىك 15 قانۇن ۋەكىلىنى جازالاش قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان رۇسىيەنىڭ چوڭ شىركىتىنىڭ بالا شىركىتىمۇ بار ئىكەن
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر