باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نارياشكىن: ئۇكرائىنا كىرزىسى رۇسىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ

2015.07.24 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دۆلەت دۇماسى پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىنىڭ رەئىسى نارياشكىن تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا كىرزىسى رۇسىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى چەكلەپ تۇرىۋاتقان ئامىلغا ئايلىنىپ قالدى.

  نارياشكىن تۈنۈگۈن زىيارەتكە بارغان فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا كىرزىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، سىياسىي سۆزلىشىش ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ناھايىتى مۇھىم، ئىككى دۆلەت سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  نارياشكىن: رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇشقا قاتناشقۇچى تەرەپ ئەمەس، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايوندا رۇسىيە ئارمىيەسى يوق دەپ تەكىتلىدى.

  تۈنۈگۈن فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى موسكۋادىن قىرىمغا بېرىپ قىرىم يەرلىك پارلامېنت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر