باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە نۇقتىلىق تۈرلەردە ئىش باشلاش نىسبىتى %88.67 كە يەتتى

2015.07.24 16:22         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئورۇندالغان سېلىنما بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.99پىرسەنت پوئېنت ئاشتى

  جاۋ چۈنخۇانىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2015 – يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى جەمئىي 284 بولۇپ، پىلان بويىچە 91 مىليارد 430 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن. 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شەھەر بويىچە 227 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش باشلىنىپ، ئىش باشلاش نىسبىتى %88.67كە يەتكەن، 29 مىليارد 701 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يىللىق پىلاننىڭ %32.49ى ئورۇندىلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.99 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

  نۇقتىلىق تۈرلەر ئىچىدە، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان 114 تۈردە ئىش باشلىنىپ، ئىش باشلاش نىسبىتى %87.02كە يەتكەن، جەمئىي 12 مىليارد 29 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يىللىق پىلاننىڭ %29.40ى ئورۇندىلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.6 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان؛ ھۆكۈمەت مەبلىغىدىن باشقا 113 تۈردە ئىش باشلىنىپ، ئىش باشلاش نىسبىتى %90.4كە يەتكەن، جەمئىي 17 مىليارد 672 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل شەھەر بويىچە نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچەش نۇقتىسى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىش باشلانغان قۇرۇلۇشلار ئىچىدىكى رېلىسلىق قاتناش 1 – لىنىيەسى، ئالتاي يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكى قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى خەلق تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك، بولۇپمۇ پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش مەقسەت قىلىنغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى تۈرى 150 بولۇپ، 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنىگىچە 122 تۈردە ئىش باشلىنىپ، ئىش باشلاش نىسبىتى %81.33كە يەتتى، بۇ قۇرۇلۇش تۈرى جەمئىي 29 مىڭ 867 ئائىلىگە چېتىشلىق بولۇپ، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ئاخىرقى يىلى قۇرۇلۇش تولۇق تاماملىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى چوڭ تۈرلەرنى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلغان. شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى 4 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى قوماندانلىق باش ئىشتابى ئىشخانىسى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، زېمىن بايلىقى ئىدارىسى، پىلانلاش كومىتېتى، قۇرۇلۇش كومىتېتى، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى مەركەزلىك خىزمەت قىلىشقا تەشكىللەپ، 2015 – يىلى شەھەر ۋە رايون(ناھىيە)دىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈرلەر بىلەن جەمئىيەت مەبلەغ سالغان تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشتە ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلغان، 647 قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلىرىنى مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىپ، ماسلاشتۇرۇپ بېجىرگەن، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تارماقلىرى 100گە يېقىن تۈرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلىتىپ، چوڭ تۈرلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا پۇختا ئاساس سالغان.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق دېدى: قانۇنلۇق بولۇش، قائىدىگە ئۇيغۇن بولۇش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئالدىنقى شەرتى بىلەن، بارلىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تارماقلىرىدىن بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە بېجىرىپ بولۇشنى تەلەپ قىلدۇق. ھازىر قۇرۇلۇشلاردا ئىش باشلاشنىڭ يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، ئىش باشلانمىغان تۈرلەردە، مەيلى ئۇ ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈر بولسۇن ياكى ھۆكۈمەت مەبلىغىدىن باشقا تۈر بولسۇن، ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئاكتىپ ياخشى ئىشلەپ، ئىش باشلاش قەدىمىنى تېزلىتىمىز؛ پىلانغا كىرگۈزۈلمىگەن ياكى ئەمەلىيلىشىش ئالدىدا تۇرغان بىر تۈركۈم تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەت بېجىرىش خىزمىتىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بالدۇرراق ئىش باشلاشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر